app دېتالى
ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>شىنجاڭ>

ئۈرۈمچى ئۆسۈملۈك باغچىسىدىكى 300 نەچچە تەشتەك مودەنگۈل قەھرىتاندىمۇ پورەكلەپ ئېچىلدى

ۋاقتى:2014-01-14 16:10مەنبە: يوللىغۇچى:نەفىسە چېكىلىشى:قىتىم

ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ

QR code
 
پورەكلەپ ئېچىلغان مودەنگۈللەر
 
   سىرت شۇنداق قاتتىق سوغۇق بولسىمۇ ، ئەمما ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئۆسۈملۈك باغچىسى ‹‹ باھار تۈسى ›› گە كىرگەن ئىدى . 25 خىل سورتتىكى 300 نەچچە تەشتەك مودەنگۈل پەسىلگە قارشى پورەكلەپ ئېچىلىپ كەتكەن بولۇپ ، قەھرىتان قىشقا بۆلەكچە رەڭ قوشقانىدى .
 
   12-يانۋار، ئۈرۈمچى ئۆسۈملۈك باغچىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى زېڭ دې مۇنداق دېدى : 2013-يىلى ئۆكتەبىردە، ئۆسۈملۈك باغچىسى شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ خېزې ناھىيەسىدىن ‹‹كۆك تارغاق قىسقان خان ئايىم ››، ‹‹گۈلئەنبەر››، ‹‹قارا ئالتۇن جۇلاسى›› قاتارلىق مودەنگۈل سورتلىرىنى كىرگۈزدى ، يەنە شۇ يەردىن ئىككى نەپەر يېتىشتۈرۈش مۇتەخەسسىسىنى تەكلىپ قىلىپ، باغچىدىكى پەسىلگە قارشى مودەنگۈللەرنىڭ ئۆستۈرۈلۈشىگە مەسئۇل قىلدى . مۇتەخەسسىسلەر جەمئىي 25 خىل سورتتىكى 1100 تەشتەك مودەنگۈلنى يېتىشتۈردى ، نۆۋەتتە بىرىنچى تۈركۈمدە 300 نەچچە تەشتەك مودەنگۈل ئېچىلدى ، يەنە ئىككى تۈركۈم مودەنگۈل يانۋارنىڭ ئاخىرى ۋە ئاپرېلدا ئارقا-ئارقىدىن ئېچىلىدۇ .
 
   نۆۋەتتە، ئۆسۈملۈك باغچىسى پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە تۇنجى قېتىملىق چوڭ كۆلەملىك قىشلىق گۈل كۆرگەزمىسىنى پىلانلاۋاتىدۇ، كۆرگەزمە ۋاقتى 31-يانۋاردىن فېۋرالنىڭ ئاخىرىغىچە قىلىپ بېكىتىلدى. ۋاقتى كەلگەندە 1100 تەشتەك مودەنگۈلدىن باشقا، يەنە 3000 تەشتەك كۈركۈمگۈل، 500 تەشتەك ئەتىرگۈل، 14 تەشتەك خېنومېل گۈلى، 10 تەشتەك شەپەقگۈل قاتارلىق 6000 تەشتەكتىن ئارتۇق گۈل تەڭلا كۆرگەزمە قىلىنىدۇ.
ياخشىكەن
(0)
0%
ئالقىشلايمەن
(1)
100%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس