ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
9-يانۋار مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ترانسپورت نازارىتىنىڭ خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ماناس ھەق يىغىش پونكىتى، داخۇاڭشەن ھەق يىغىش پونكىتى قاتارلىق 19 تاشيول ھەق يىغىش پونكىتىدا يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ ئېغىرلىقىغا قاراپ ھەق يىغىش يولغا قويۇلىدىغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق تاشيولدا نورمىدىن ئارتۇق يۈك بېسىش مەسىلىسى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىنىدىكەن. www.iz.la
ئاپتونوم رايونلۇق تاشيول باشقۇرۇش ئىدارىسى ھەق يىغىش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى پەن لىنۋۇنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، شىنجاڭدا ئاپتوموبىلنىڭ ئېغىرلىقىغا قاراپ ھەق ئېلىش ئۆلچىمى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئەڭ تۆۋەن قىلىپ بېكىتىلىدىغان بولۇپ، نۆۋەتتە پۈتۈن شىنجاڭدىكى 85 ھەق يىغىش پونكىتىنىڭ ھەممىسىدە بۇ يىل ئىچىدە ئېغىرلىققا قاراپ ھەق يىغىش ئىشقا ئاشۇرۇلىدىكەن.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، تۇنجى قېتىمدا ئېغىرلىققا قاراپ ھەق ئېلىشنى يولغا قويىدىغان ھەق ئېلىش پونكىتلىرى: بۇرچىن ھەق يىغىش پونكىتى،ئۇتبۇلاق ھەق يىغىش پونكىتى، ئورقۇ ھەق يىغىش پونكىتى، بېيتۈن شىمالىي ھەق يىغىش پونكىتى، كۈمۈش ھەق يىغىش پونكىتى، يۈشۇگۇ ھەق يىغىش پونكىتى، ماناس ھەق يىغىش پونكىتى، يەنسىخەي شەرقىي ھەق يىغىش پونكىتى، شۆگەي ھەق يىغىش پونكىتى، چاشا ھەق يىغىش پونكىتى، داخۇاڭشەن ھەق يىغىش پونكىتى، سارچوقا ھەق يىغىش پونكىتى، قاراماي ھەق يىغىش پونكىتى قاتارلىقلار ئىكەن. تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
يولغا قويۇلۇش ئالدىدا تۇرغان ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ ئېغىرلىقىغا قاراپ ھەق يىغىش ئۆلچىمى›› دا كۆرسىتىلىشىچە، يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ ئېغىرلىقىغا قاراپ ھەق ئېلىش ئۆلچىمى مۇنداق بولىدىكەن: 1-دەرىجىلىك يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللاردىكى ھەق ئېلىش ئۆلچىمى ھەر توننىسىغا 0.07 يۈەن؛ 2-دەرىجىلىك يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ ھەق ئېلىش ئۆلچىمى ھەر توننىسىغا 0.05 يۈەن بولىدىكەن. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تۆت ۋىلايەت-ئوبلاستتا (قەشقەر ۋىلايىتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى، ئاقسۇ ۋىلايىتى) ھەق يىغىش ئۆلچىمى مۇنداق بولىدىكەن: 1-دەرىجىلىك يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللاردىكى ھەق ئېلىش ئۆلچىمى ھەر توننىسىغا 0.06 يۈەن؛ 2-دەرىجىلىك يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ ھەق ئېلىش ئۆلچىمى 0.04 يۈەن بولىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، ئالاھىدە چوڭ كۆۋرۈك ۋە تۇنېللاردىن ئۆتۈش ھەققى ھەر توننىسىغا 0.25 يۈەن بولىدىكەن.
مەنبە. تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
