ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
ئامېرىكا مەبلەغ سېلىش بانكىسى Jefferies نىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى تەتقىقات دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئالما تېلېفونىنىڭ كېيىنكى ئەۋلاد iPhone ى، 4.8 ديۇملۇق ئېكرانى بىلەن كېلەر يىلى سېنتەبىردە مەيدانغا كېلىشى مۇمكىن ئىكەن.
Jefferies نىڭ تەھلىلچىسى Peter Misek نىڭ دېيىشىچە، نۆۋەتتە بازارغا سېلىنغان %50 ئەقلىيفوننىڭ ئېكرانى ئاساسەن تۆت ديۇمدىن يۇقىرى ئىكەن. ئەگەر كېيىنكى ئەۋلاد ئالما تېلېفونى بۇ جەھەتتە يېڭىلىق ياراتمىسا، ئۇنداقتا بازاردا مەزمۇت پۇت تىرەپ تۇرالماسلىقى مۇمكىن ئىكەن. مۇناسىۋەتلىك باشقا خەۋەرلەرگە قارىغاندا، كېيىنكى ئەۋلاد iPhone6 نىڭ ئېكرانىغا مەخسۇس كۆز ئاسراش رولىغا ئىگە كۆز تورلۇق پەردە ئېكرانى ئىشلىتىلىدىكەن. كامېراسىنىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسى يۇقىرىلىتىدىكەن
مەنبە . تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
