ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
ئاددى قىلىپ ئېيىتساق، بىز ئادەتتە تېلېفونلىرىمىزغا قاراۋاتقان ۋە مەشغۇلات ئېلىپ بېرىۋاتقاندا كۆرىۋاتقان كۆرۈنمە يۈزنى ئىكران دەپ قارايمىز.  تېخنىكا نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئېكران ئەينەك يۈزنىڭ ئىچىگە قويۇلغان ياكى سۇلىياۋ قاپنىڭ ئىچىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئېلىكتىرونلۇق ماتېرىيال، يانفونلىرىمىزنى يورۇتۇش ۋە ئۇچۇرلارنى كۆرسىتىشكە مەسئۇل. 
سامسۇڭ بىلەن LG شىركەتلىرىنىڭ يۇمشاق ئىكران دېگىنى بىر خىل ئەينەك تاشقى قاپنىڭ ئىچىدىكى ئورگانىك نۇر تارقاتقۇچى ئىككى قۇتۇپلۇق لامپا (ياكى OLED دەپمۇ  ئاتىلىدۇ). يۇمشاق ئېكران يۇمشاق ماتېرىيال (مەسلەن سۇلىياۋ دېگەندەك)  دىن ياسالغان بولۇپ، ئۇ ئادەتتىكى ئېكراندەك قاتتىق ئەينەكتىن ياسالمىغان. سامسۇڭ ۋە LG  قاتارلىق چوڭ شىركەتلەر كۆپ يىللىق زېھنىنى سەرىپ قىلىپ يۇمشاق ئېكراننى تەتقىق قىلىپ چىقىپ ، ئاخىرى سامسۇڭ  Galaxy Round   يانفونىنى بازارغا سېلىپ، يانفون زاۋۇتلىرىغا ۋاكالىتەن تۇنجى قېتىم يۇمشاق ئېكراننى بازارغا ئېلىپ كىردى. 
سامسۇڭ Galaxy Round بىلەن سامسۇڭ Galaxy Nexus نىڭ ئېكرانىدىكى پەرقى، Galaxy Nexus  بىلەن  Nexus S  قا سەپلەنگەن ئېكران بىر ئاز ئەگرى ھالەتتىكى ئېكران، ئۇنىڭ ئەگرىلىكى سىزنىڭ يۈزىڭىزگە دەل چاپلىشىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭغا ئىشىلتىلگىنى ھەقىقى مەنىدىكى يۇمشاق ئېكران ئەمەس يەنى OLED  ماتېرىيالى ئىشلىتىلمىگەن، ئۇ پەقەت دولقۇنسىمان ئېكران خالاس.  
ئىز تورى www.iz.la
مەنبە..................تىڭشۈندىن تەرجىمە ئىز تورى بەك ياخشى
				





















