ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
سىنا تورى پەن-تېخنىكا خەۋىرى بېيجىڭ ۋاقتى 4-ئاينىڭ 14-كۈنى كەچتە خەۋەر قىلىنىشىچە، ئامېرىكا مەبلەغ سېلىش بانكىسى Jefferiesنىڭ ئانالىزچىسى پېتىر مىسېك دۈشەنبە كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: ئالما شېركىتى بىلەن كۆچمە ئۈسكۈنىلەر تىجارەت كارخانىسى سۆھبەت ئۆتكۈزگەن بولۇپ، سۆھبەت جەريانىدا كېيىنكى ئەۋلاد iPhone 6نىڭ باھاسىنى 100 ئامېرىكا دوللىرى ئۆستۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. مىسېك، ئالما شېركىتى iPhone 6نىڭ دەسلەپكى سېتىلىش باھاسىنىڭ 300 ئامېرىكا دوللىرى بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ، دېدى. ھازىرغىچە، تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغۇچى كارخانا ئالما شېركىتىنىڭ تەكلىپىگە قۇشۇلمىغان. بىراق، مىسېك، بۇ يىل كىشىلەرنى جەلپ قىلىدىغان يېڭى يانفونلار ئاز بولغانلىقتىن، كۆچمە ئۈسكۈنىلەر تىجارەت كارخانىسىنى ھامان ئالما شېركىتىنىڭ پىكرىگە قوشۇلىدۇ دەپ قارىدى. مىسېك :" iPhone 6نىڭ دەسلەپكى سېتىلىش باھاسى 100 ئامېرىكا دوللىرى ئۆسمىگەن تەقدىردىمۇ، يەنىلا ئازراق بولسىمۇ ئۆسىدۇ" دېدى. مىسېك، ئوتتۇرىچە سېتىلىش باھاسى پەقەت 100 ئامېرىكا دوللىرى ئۆسسىلا، iPhone 6نىڭ سىستېمىسىنىڭ دەرىجىسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىدىن كېلىپ چىقىدىغان ئومۇمىي پايدا نىسبىتىدىكى زىياننى ئازايتقىلى بولىدۇ، دەپ قارىدى. مىسېك، يەنە ئەگەر ئوتتۇرىچە سېتىلىش باھاسى 50 ئامېرىكا دوللىرى يۇقىرى كۆتۈرۈلسە، ئالما شېركىتىنىڭ كىرىمى %2 ئېشىپ، ھەر بىر خىل پايچېكىدىن كېلىدىغان كىرىمنى %11 ئاشۇرىدۇ. ئەگەر 100 ئامېرىكا دوللىرى يۇقىرى كۆتۈرۈلسە، كىرىمنى %6 ئاشۇرىدۇ، پايچېكىنىڭ كىرىمىنى بولسا %24 ئاشۇرىدۇ. مىسېكتىن باشقا، يەنە "تىنچ ئوكيان خانتاجى" ئانالىزچىسى ئۆتكەن ئايدا، كېيىنكى ئەۋلاد iPhoneنىڭ سېتىلىش باھاسىنىڭ 299 ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىغانلىقىنى پەرەز قىلغانىدى. "تىنچ ئوكيان خانتاجى" نىڭ ئانالىزچىسى ئەندىي ھارگرىۋىس، ئېكرانى چوڭ بولغان iPhoneنىڭ يېڭى خېرىدارلارنى تېخىمۇ كۆپ جەلپ قىلىشقا ياردىمى بولىدۇ، دەپ قارىدى.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
