app دېتالى
تەۋىسسيەلىك

ئابدۇكىرەم ئابلىزنىڭ يېڭى كىنوسى سۈرەتكە ئېلىنىۋاتىدۇ

ۋاقتى:2013-10-08 15:56مەنبە: يوللىغۇچى:DeLim131 چېكىلىشى:قىتىم

ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ

QR code

 

 

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!



 


تەڭرىتاغ كىنو ئىستودىيىسى تەييارلىغان «پۇل دېگەن شۇنداق نەرسە» ناملىق كومىدىيىلىك كىنونى سۈرەتكە ئېلىش خىزمىتى 28-سىنتەبىر رەسمى باشلاندى. بۇ فىلىمدە تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىدىكى كىچىككىنە بىر كەنتتە ياشاۋاتقان ئالىم، كېرەم، سەلىمدىن ئىبارەت ئۈچ دېھقان، دوستى مۇسانىڭ يېرىدە ئىشلەۋىتىپ، بىر ساندۇق پۇل تېپىۋالغانلىقدەك ۋەقەلىك بايان قىلنىدۇ. بۇ 1953- يىلى ئىككىنچى قېتىم بېسىلغان 30 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن بۇ ئۈچ دېھقاننىڭ جىمجىت تۇرمۇشىدا داۋالغۇش پەيدا بولىدۇ. ئائىلە شارائىتى بىر قەدەر ياخشى بولغان ئالىم بۇ پۇلنى ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بېرىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ؛ سودىغا ئېپى بار، مىجەزى شوخ كەلگەن كېرەم بۇ پۇلنى ئۆزلىرى بۆلىشىپ ئىشلىتىشنى ئېيتىدۇ؛ گۈزەل قىز گۈلشەنگە ئاشىقى بىقارار بولۇپ يۈرگەن سەلىم قانداق قىلىشىنى بىلەلمەي تەمتىرەپ قالىدۇ... بۇ جەرياندىكى ۋەقەلىكلەر قىلىمدە كومىدىيىلىك ئۇسۇللار بىلەن ئىپادىلىنىپ، ئەڭ ئاخىرىدا پۇلنىڭ ھەممىگە قادىر ئەمەسلىكى، كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى مېھىر- مۇھەببەتنىڭ قىممىتىنى پۇل بىلەن ئۆلچىگىلى بولمايدىغانلىقى ئىسپاتلاپ بېرىلىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، بۇ فىلىم دۆلەت ئاخبارات، نەشرىيات، رادىيو، كىنو، تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى بىكىتكەن، ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىل تەييارلايدىغان، ئاز سانلىق مىللەت تۇرمۇشى خام ماتېرىيال قىلىنغان فىلىملىرىنىڭ ئىچىدىكى مۇھىم بىرسى بولۇپ، كېلەر يىلى 8- ئايدا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرمىللەت تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرىشىدىكەن.

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن


[باشقلارنىڭ ئەمگكىنى ھۆرمەتلەڭ]

مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

ياخشىكەن
(11)
73.3%
ئالقىشلايمەن
(4)
26.7%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس