ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
11-نويابىر ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سىياسىي قانۇن كومىتېتى بىرلىكتە ئويۇشتۇرغان ، قۇتقۇزۇۋېلىنغان شىنجاڭلىق سەرگەردار بالىلارنىڭ تۇرمۇشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن فىلىم ‹‹سەپەردىكى مۇھەببەت ›› ئۈرۈمچىدە تۇنجى قېتىم قويۇلدى .
ئىز تورى بەك ياخشى
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى شيۇڭ شۈەنگو كىنونىڭ تۇنجى قويۇلۇش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەننىڭ ‹‹سەپەردىكى مۇھەببەت ›› فىلىمىنى كۆرگەندىن كېيىنكى مۇھىم كۆرسەتمىسىنى كۆپچىلىككە يەتكۈزدى . ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لى شۆجۈن تۇنجى قويۇلۇش مۇراسىمىغا قاشناشتى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلدى . ئىز تورى بەك ياخشى
ئىگىلىنىشىچە ، ‹‹سەپەردىكى مۇھەببەت ›› فىلىمىنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سىياسىي قانۇن كومىتېتى ، تەڭرىتاغ كىنو ئىستۇدىيەسى ، شاڭخەي شياڭشېڭ كىنو-فىلىم ئىشلەپ تارقىتىش چەكلىك شىركىتى بىرلىكتە ئىشلىگەن بولۇپ ، 2012-يىلى 8-ئۆكتەبىر ئۈرۈمچىدە سۈرەتكە ئېلىشقا باشلىغان .
2013-يىلى 6-ئايدا مەزكۇر فىلىم دۆلەتلىك ئاخبارات–نەشرىيات ، رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتۈپ ، باش تېمىسى ئېنىق ، مەزمۇنى مول ، تۇرمۇشقا ، ئاممىغا يېقىن بولۇش ، تەربىيەۋى ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن ، دۆلەتلىك ئاخبارات -نەشرىيات رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى تەرىپىدىن 2013-يىلى 1-تۈركۈمدىكى تەۋىسيەلىك فىلىم قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن ھەمدە دۆلەتلىك ئاخبارات-نەشرىيات رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسىنىڭ مۇنەۋۋەر بالىلار كىنو تېلېۋىزىيەسى ‹‹خۇابياۋ مۇكاپاتى›› غا ئىلتىماس قىلىنغان .
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
www.iz.la
ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
مەنبە. تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى copyright by www.iz.la
