ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
مىكرو كىنو ئەترىتى تۈمەنبۇلاق مىكرو كىنو ئىشلەش بازىسىدا فىلىم سۈرەتكە ئالماقتا ئىز تورى www.iz.la
يېڭى تاراتقۇلار كۈنسېرى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ، مىكرو كىنودىن ئىبارەت بۇ خىل ئىپادىلەش ئۇسۇلى يېزىق ، رادىيو ، كىنونىڭ تەشۋىقات ئۈنۈمىگە يېڭىلىپ قالماستىن ، بارغانسېرى تورداشلار ۋە ئاممىنىڭ ئېتىبارىغا ئېرىشمەكتە . 14-سېنتەبىر ، شىنجاڭدىكى تۇنجى مىكرو كىنو ئىشلەش بازىسى گۇچۇڭ ناھىيەسىنىڭ جانبۇلاقتىكى ‹‹يىۋەنچۈەن›› (تۈمەنبۇلاق) مەنزىرە رايونىدا قۇرۇلۇپ ، شىنجاڭنىڭ مىكرو كىنو تەرەققىياتىغا ئۇل سالدى . ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئىگىلىنىشىچە ، شۇ كۈندىن باشلاپ مىكرو كىنو ئىشلەش ئۆمەكلىرى مەنزىرە سۈرەتكە ئالماقچى بولسىلا، ‹‹تۈمەنبۇلاق›› مەنزىرە رايونى ئۇلارنى مەيدان (سورۇن) بىلەن ھەقسىز تەمىنلەيدىكەن ھەم سۇ ، توك قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ياردەملەرنى بېرىدىكەن .
تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
شىنجاڭ تۈمەنبۇلاق ساياھەت مەدەنىيەت كەسپى تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن باش دىرېكتورى ئەن جىجۈن مۇنداق دېدى : ‹‹بىز ساياھەت رايونىنى مىكرو كىنو ئىشلەش بازىسى قىلىپ ، كىنو ئىجادىيەتچىلىرىنى قولاي شارائىت بىلەن تەمىنلەيمىز ۋە قوللايمىز . شۇنىڭ بىلەن بىرگە، يەنە مەنزىرە رايونىمىزنىڭ مەنزىرىسىنى مىكرو كىنونىڭ توردا تېز تارقىلىش ئالاھىدىلىكى ئارقىلىق تەشۋىق قىلىمىز، بۇ پۈتۈن مەملىكەت، پۈتۈن دۇنياغا گۈزەل شىنجاڭنى چۈشەندۈرىدىغان يېڭى يول››. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
