تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
توشىبا جوڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتى لوڭقىسىنىڭ 2-ئايلانما مۇسابىقىسىدە شىنجاڭ كوماندىسى چۇڭچىڭ نەنچۇەن تەنتەربىيە مەركىزىدە ساھىپخان كوماندا چۇڭچىڭ لىفەن كوماندىسى بىلەن تۇتۇشۇپ، 1:4نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويۇپ، شاللىنىپ كەتتى.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىنىڭ 19-مىنۇتتا چۇڭچىڭ لىفەن كوماندىسىدىن شۈ شىياۋبو سول تەرەپتىن بۆسۈپ كىرىپ پاس بەردى، جاڭ چىمىڭ ئوتتۇرا يولدىن كىرىپ مۇسابىقىدىكى بىرىنچى توپنى كىرگۈزدى، 28-مىنۇتتا، جاڭ چىمىڭنىڭ قاپقىغا ئۈسسىگەن كاللا توپى توسىۋىتىلدى، ۋاڭ ۋىيچىڭ بۇ توپنى كىرگۈزۈپ نەتىجە 2:0 بولدى.45-مىنۇتتا جاڭ چىمىڭ ئوتتۇرا مەيداندا توپ ئېلىپ ، بۆسۈپ كىرىپ، يەنە بىر توپ كىرگۈزدى. بۇ ۋاقىتتا، شىنجاڭ كوماندىسى 0:3نەتىجە بىلەن كەينىدە قالدى ، كىيىنكى يېرىم مەيداننىڭ 76-مىنۇتىدا چۇڭچىڭ كوماندىسىدىكى 12-نومۇرلىق ماھىر شۈ شىياۋبو چەكلەنگەن رايون سىرتىدىن توپ كىرگۈزدى .
82-مىنۇتتا چۇڭچىڭ كوماندىسى ۋە شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ئىككى ئەزاسى قىزىل كارتا يەپ چۈشۈپ كەتتى . مۇسابىقە ئاخىرلىشىشقا ئاز قالغاندا، شىنجاڭ كوماندىسىدىن 8-نومۇرلۇق ئەلىجان بىر توپ كىرگۈزۈپ، نەتىجىنى 4:1 قىلدى.
شۇنداق قىلىپ شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ پۇتبولچىلار جەمئىيىتى لوڭقىسسى تارىخىدىكى تۇنجى قىتىملىق مۇسابىقە نەتىجىسى 2-ئايلانمىدا توختاپ قالدى.
مەنبە . جۇڭگۈ ئۇيغۇر رادىيۇ تورى