app دېتالى
ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>مەدەنىيەت>دۇنياغا نەزەر>

ھىندىستاندا ئەۋج ئېلىۋاتقان «بىر ئايلىق خوتۇن» ساياھەتچىلىكى ئاشكارىلىنىپ، قاتتىق غۇلىغۇلە قوزغىدى

ۋاقتى:2013-04-22 16:52مەنبە: يوللىغۇچى:كامىلە چېكىلىشى:قىتىم

 

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 14-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ھىندىستاندىكى 17 ياشلىق بىر قىز ھىندىستاندا ئەۋج ئېلىۋاتقان «بىر ئايلىق خوتۇن» سېرىق ساياھەتچىلىكىگە بېرىلىپ كېتىۋاتقان نۇرغۇن ئوتتۇرا شەرق ۋە ئافرىقىلىق مۇسۇلمان ئەرلىرىنىڭ شۇ يەرلىك قىزلارنى قىسقا مۇددەتلىك خوتۇنلۇققا سېتىۋېلىشتەك قىلىشمىلىرىنى ئاشكارىلىۋەتكەن.

ئىز تورى بەك ياخشى

مۇسۇلمان ئاياللىرىنىڭ ھوقۇق مەنپەئەتى ئۈچۈن كۆرەش قىلغۇچى مۇنداق دېدى: قىسقا مەزگىللىك «كېلىشىملىك نىكاھ» ھىندىستاندا قانۇنسىز ھېسابلىنىپ، ئىسلام دىنىدا چەكلەنسىمۇ، بىراق بۇ خىل ھادىسە يەنىلا چەتئەللىك بايلار يىغىلغان، ھىندىستاننىڭ جەنۇبىدىكى شەھەر ھەيدەرئابادتا بارغانسېرى ئەدەپ كېتىۋاتىدۇ، شۇ جايدىكى كېلىپ كېتەر ساياھەتچىلەر ۋە ئىسلام دىنى قانۇنى سوتچىلىرى نامرات شەھەرلەردىكى مۇسۇلمانلار ئائىلىسىنى ئېكسپىلاتاتسىيە قىلماقتا.

ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى

زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى نوشېن توباسسۇم بۇ مەسىلىنىڭ ئېغىرلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئالدىنقى ئايدا ئۇنىڭ ئاتا ئانىسى ئۇنى بىر سۇدانلىق ئەرگە «تۆت ھەپتە خوتۇن» بولۇشقا مەجبۇرلىغان، بۇ ئەر ئۇنىڭ ئاتا ئانىسىغا تەخمىنەن 1200 فوندستېرلىڭ تۆلىگەن ئىكەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئائىلىسىدىن قېچىپ چىققان.

www.iz.la

ئۇ قىز ساقچىغا، ئۇنىڭ تاغىسى ئۇنى بىر مېھمانخانىغا ئېلىپ بارغان، ئۇ يەردە 17 – 18 ياشلار چامىسىدىكى قىزلاردىن ئۈچى بار بولۇپ، ئۇ بۇ قىزلار بىلەن بىرلىكتە سۇدانلىق نېفىت شىركىتىنىڭ دىرېكتورىغا تونۇشتۇرۇلغان. بۇ دىرېكتور دەل «توي يىگىتى» ئوساما ئىبراھىم مۇھەممەد بولۇپ، يېشى 44 ياش، توي قىلىپ بولغان، خارتۇمدا ئىككى بالىسى بار ئىكەن. كۆرۈشۈپ بولغاندىن كېيىن ئۇلار ئۇ قىزنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئىسلام دىنى قانۇنى سوتچىلىرى قىزنىڭ ئۆيىدىلا توي مۇراسىمى قىلىپ بەرگەن.

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

ساقچى ئەمەلدارى كۇمارنىڭ تەكشۈرۈشىچە، بۇ قىزنىڭ تاغىسى مۇمتاز بېگۇم «توي يىگىتى» دىن 100 مىڭ رۇپىيە (تەخمىنەن 1200 فوندستېرلىڭ) ئالغان، ئاندىن قىزنىڭ ئاتا ئانىسىغا 70 مىڭ رۇپىيە، ئىسلام قانۇنى سوتچىلىرىغا 5000 رۇپىيە، ئوردو تىلى تەرجىمانىغا 5000 رۇپىيە بېرىپ، 20 مىڭ رۇپىيەنى ئۆزى ئالغان. توي خېتىگە يەنە بىر پارچە «تالاقنامە» چاپلانغان، ئۇنىڭدا يىگىت شىرىن ئاينى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن ئاجرىشىپ كېتىدىغان ماددىلار بار ئىكەن.

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

ساقچى كۇمار مۇنداق دېدى: 2-كۈنى ئۇ (يىگىت) زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى قىزنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشنى تەلەپ قىلغان، ئەمما بۇ كىچىك قىز دادىسىدىنمۇ بۇ چوڭ  ئادەمنىڭ ھاياسىز تەلىپىنى رەت قىلغان. ئىز تورى بەك ياخشى

قىزنىڭ ئاتا ئانىسى يەنە بىر قېتىم بۇ ئەرگە ۋەدە بېرىپ، قىزىنى قايىل قىلىدىغانلىقىنى، ئەگەر ئۇنىڭ يەنە جاھىللىق قىلىپ تۇرۇۋالسا، جازالايدىغانلىقىنى ئېيتقان. نەتىجىدە بۇ قىز ھەيدەرئاباد شەھىرىنىڭ بىر كوچىسىدىكى تار ئۆيدىن قېچىپ چىقىپ، شۇ ئەتراپتا چارلاۋاتقان ساقچىلار تەرىپىدىن قۇتقۇزۇۋېلىنغان، كېيىن ساقچىلار ھېلىقى «توي يىگىتى» ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى قىزنىڭ تاغىسىنى، يەنە ئىسلام دىنى قانۇنى سوتچىلىرىنى قولغا ئالغان، شۇنداقلا يەنە قىزنىڭ ئاتا ئانىسىنى قولغا ئېلىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرگەن. ھىندىستان قانۇنىغا ئاساسەن، نوشېن 18 ياشقا توشمىغان، قۇرامىغا يەتمىگەن قىز بولۇپ، توي قىلسا بولمايدىكەن، ئۇنىڭ ئاتا ئانىسى ھازىر مۆكۈنۈۋالغان، بىراق يەنىلا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى توي قىلىشقا قىستاش، ئاياللارنى ھاقارەتلەش، ئالدىن پىلانلاش قاتارلىق ئەيىبلەشلەرگە ئۇچرايدىكەن.

تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!

ساقچى كۇمار  مۇنداق دېدى: ھەيدەرئابادتا نۇرغۇن قانۇنسىز قىسقا مەزگىللىك كېلىشىملىك نىكاھ مەۋجۈت. ئۇلار قولغا ئالغان سۇدانلىق ئەر بولسا خارتۇمدىكى بىر دوستىنىڭ قىسقىغىنا ساياھەت مەزگىلىدە «40 كۈنلۈك خوتۇن» ئالغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ھەيدەرئابادقا كەلگەن ئىكەن. ئىز تورى بەك ياخشى

ئۇ مۇنداق دېدى: «ئەگەر بىر سۇدانلىق جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشنى ئويلىسا، سۇداندا ئۈچ ھەسسە ئارتۇق پۇل تۆلەيدۇ، چۈنكى ئۇ يەردە قىزلار بەك ئاز، ياكى بولمىسا يەنە بىر خوتۇن ئېلىشى كېرەك. ھىندىستاندا، قىزلار ھەم ئەرزان ھەم چىرايلىق، ھەتتا ئۇلار يەنە بىر نەچچە كۈن ئارتۇق تۇرالايدۇ، جىنسىي پائالىيەت ئۈچۈن بىر مەزگىللىك قانۇنسىز نىكاھ قىلىدۇ.

تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!

 

تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!

ئۇ مۇنداق دېدى: ساياھەتچىلەر ئىسلام دىنىدا ئىپپىتىنى سېتىش چەكلىنىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ، شۇڭا ئۇلار توي دېگەن قالپاقنى كىيدۈرۈپ قويسا، نامرات ئائىلىلەر بۇ تويغا قوشۇلىدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ قىزى جىق بولغانلىقتىن، قىزلىرىنىڭ توي مۇراسىمىغا كېتىدىغان قىز مېلىغا چىقىش قىلالماي بۇ يولنى تاللايدۇ.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

ئەمەلىيەتتە، ئۇلار بىر قاتار بىر ئايلىق «توي» ئارقىلىق بۇ قىزلارنىڭ ھەقىقىي تويىغا پۇل يىغىدۇ.

ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى

ھەيدەرئاباد ئاياللار، بالىلار پاراۋانلىق جەمئىيىتىدىكى شېراز ئامىنە مۇنداق دېدى: بۇ شەھەردە ھەر ئايدا 15 كە يېقىن كېلىشىملىك توي بولىدۇ، بۇ سان ھازىر بارغانسېرى كۆپەيمەكتە.

ئىز تورى www.iz.la

ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۇلارنىڭ ھەيدەرئابادقا كېلىشىدىكى سەۋەب بۇ يەردە ئېزىلىۋاتقان ئائىلىلەر بەك كۆپ، %30 - %40 ئائىلە «كېلىشىملىك نىكاھ» نى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشتىكى بىر تاللاش قىلىۋالغان، بۇنداق ئىشنى توسۇش كېرەك. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

نوشېن توباسسۇم ھازىر ھۆكۈمەت تەسىس قىلغان «قىزلار ئۆيى» دە تۇرۇۋاتىدۇ، ئۇ ھازىر بىر شىكايەتنامە تاپشۇرۇپ، مۇشۇنداق ئىشنىڭ باشقا قىزلاردا يەنە تەكرارلىنىپ قېلىشىنى توسۇشنى تەلەپ قىلغان. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن نېمە ئىش بولغىنىنى بىلمەيمەن، مەن ھەممىدىن خەۋەرسىز، ئۇلار مېنى مەجبۇرلىدى، ئۇلار مېنىڭ تۇغۇلغان ۋاقتىمنى ئۆزگەرتىشتى ھەمدە بىر يالغان تۇغۇلغان كۈنىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىشتى، بۇ يالغان ئىسپاتتا مەن 24 ياشقا كىرىپتىمىشمەن، ئۇلار قىزلارنى ئېكسپىلاتاتسىيە قىلدى، مانا بۇ مېنىڭ نېمە ئۈچۈن ساقچىلارنى ئىزدىشىمدىكى سەۋەب، مەن ساقچىلارنى ئىزدەپ، ئۆز ئاتا ئانامغا قارشى چىقىشقا مەجبۇر بولدۇم، مەن ئۆيگە قايتىشنى خالىمايمەن، ئۆيگە قايتىشتىن قورقىمەن».
مەنبە . جۇڭگۈ  ئۇيغۇر رادىيۇ  تورى ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى

ياخشىكەن
(0)
0%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس