
ئامېرىكىنىڭ ماسساچۇسېتس ئىشتاتىنىڭ بوستون شەھىرىدە 15-ئاپرېل ماراپونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقاندا تۇيۇقسىز پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 3 ئادەم قازا قىلدى، 140 نەچچە ئادەم يارىلاندى. ئامېرىكا 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن يەنە بىر قېتىم ئەڭ ئېغىر ھۇجۇمغا ئۇچرىدى، ئامېرىكا جەمئىيىتىدىكى بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپى كىشىلەر قەلبىدە ئۆچمەس داغ قالدۇردى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
قاتىلغا ھۆكۈم چىقىرىشقا بالدۇرلۇق قىلىدۇ بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، بۇنىڭ خاراكتېرىنى قانداق بېكىتىش بىر زور مەسىلە. كىشىلەر شۇنىڭغا دىققەت قىلدىكى، ئاق ساراينىڭ ئىپادىسىدە تېررورلۇق ھۇجۇم دېگەن سۆز كۆرۈلمىدى. لېكىن ماراپونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىنىڭ ئاخىرقى نۇقتىسىدىن باشقا، بوستان كېنىدى كۇتۇپخانىسىدىمۇ پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەردى. ئۇندىن باشقا يەنە پارتلىمىغان 5 پارتلىتىش ئۈسكۈنىسى چۇۋۇپ تاشلاندى. شۇڭا ئاساسەن شۇنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇكى، بۇ ۋەقە تاسادىپىي يۈز بەرگەن ۋەقە ئەمەس. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئامېرىكاپرېزىدېنتى ئوباما 15-ئاپرېل كەچتە مۇنداق دېدى: بۇ ۋەقەنى پەيدا قىلغان قاتىللار ھەققانىيەتنىڭ كۈچىنى تېتىيدۇ، لېكىن ئۇ يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسەتمىدى. ئەمما ئاق ساراينىڭ بىر ئەمەلدارى: بۇ ۋەقە تېررورلۇق قىلمىشى، دېدى.
www.iz.la
پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئالاقىدار تەكشۈرۈش خادىملىرى مۇنداق دېدى: بۇ ۋەقە ئازدۇر كۆپتۇر ئىسلام رادىكال تەشكىلاتلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئۇلار مۇنداق دەپ قارىدى: بۇ ۋەقەدە ئىسلام رادىكال تەشكىلاتلىرىنىڭ ھۇجۇم ئالاھىدىلىكى بار، ئالايلۇق: ئىككى يېقىن رايوندا بىرلا ۋاقىتتا پارتلاش يۈز بەردى، ئۇلار ئادەم كۆپ بولغان چوڭ پائالىيەت ۋاقتىنى تاللاپ ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق نۇرغۇن ئۆلۈك يېتىم پەيدا قىلماقچى بولدى ۋەھاكازالار . ئامېرىكا بۇندىن بۇرۇن تارمار قىلغان تېررورلۇق ھۇجۇم ۋەقەلىرى ئىچىدە نۇرغۇنلىرى مۇشۇنداق ئالاھىدىلىككە ئىگە. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بۇ ھۇجۇم ۋاسىتىلىرىنى بازا تەشكىلاتنىڭ ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى شۆبە ئاپپاراتى ئىنتېرنېت تورى ئارقىلىق تارقاتقان «ئىلھاملاندۇرۇش» ژۇرنىلىدا ئوتتۇرغا قويغان. يېقىنقى بىر مەزگىلدە، ئىنگلىزچە نەشىر قىلىنغان بۇ ژۇرنالدا يەنە ھۇجۇم قىلىشنىڭ نۇرغۇن ئۇسۇللىرى ۋە ئۆيدە پارتلاتقۇچ دورىنى قانداق ياساشنىڭ مەزمۇنلىرى تەپسىلىي بېسىلغان. شۇڭا بەزى تەكشۈرگۈچىلەر ئىسلام رادىكال تەشكىلاتلىرى بۇ قېتىمقى ھۇجۇمغا قوماندانلىق قىلمىغانلىقى، لېكىن بۇ ئىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىگە ئىشەندى.
بىراق ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر سابىق تېررورلۇققا قارىشى تۇرۇش ئەمەلدارى مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى ھۇجۇم تولۇق تېررورلۇق خاراكتېرىگە ئىگە ئەمەس. ئۇ مۇنداق دەپ قارىدى: بۇ قېتىمقى ھۇجۇمدا ئىشلىتىلگەن پارتلاتقۇچ ئاددى. ئەگەر تېررورلۇق تەشكىلاتلار بىلەن ئالاقىسى بولسا، پارتلاتقۇچ تېخىمۇ زور قىرىش كۈچىگە ئىگە بولغان بولاتتى. ئۇندىن باشقا بەزى تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: بۇ قېتىمقى پارتلىتىشتا تاللانغان ئورۇن ۋاقىت گېزىتى مەيدانىدەك بەلگىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بىنا ئەمەس، ھەربىي ئەسلىھەلەرمۇ ئەمەس. ئۇ مۇنداق دەپ قارىدى: بۇ ۋەقە دۆلەت ئىچىدىكى تەشكىلاتلار ئالاھىدىلىكىگە ئىگە. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
بۇنداق قاراش قاتىلنى پەرەز قىلىش مەسىلىسىنى تېخىمۇ تەسلەشتۈرۈۋەتتى. 15-ئاپرېل ماسساچۇسېتس ئىشتاتىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك كۈنى، بەلكى ھۆكۈمەتكە قارىشى ئۇنسۇرلار ئىش تېرىغان بولۇشى مۇمكىن. يېقىندا يەنە ئامېرىكىنىڭ باج مەلۇم قىلىش كۈنى كېلىدۇ، باج ئىسلاھاتىغا قارىشى ئەسەبىي ئۇنسۇرلار بۇنىڭغا نارازى بولۇپ ھۇجۇم قىلغان بولۇشى مۇمكىن. قورال ياراق باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش قانۇن لايىھەسى ئەسەبىي ئۇنسۇرلارنىڭ نېرۋىسىغا تەگكەن بولۇشى مۇمكىن. بۇ ئەمەلدار مۇنداق دېدى: ھازىرقى باسقۇچتا ئەھۋال مۇرەككەپ، قاتىلغا ھۆكۈم چىقىرىشقا بالدۇرلۇق قىلىدۇ. www.iz.la
تېررورلۇققا قارىشى تۇرۇش يېڭى قىيىنچىلىققا دۇچ كەلدى www.iz.la
گەرچە قاتىلنى بېكىتىشكە بالدۇرلۇق قىلسىمۇ، لېكىن بۇرۇنقى ھۇجۇمغا ئۇچرىغان ھامان دەرھال تېررورلۇق تەشكىلاتلار بىلەن باغلاپ قارايدىغان ئەھۋال بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ھازىرقى ئامېرىكىلىقلار بىخەتەرلىك خىرىسىغا يولۇققاندا نېمە قىلارىنى بىلەلمەي قالدى. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئامېرىكا ئەقىل ئىسكىلاتى بۇندىن بۇرۇن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئامېرىكا تېررورلۇققا قارىشى تۇرۇش ئۇرۇش ئېلىپ بارغانلىقتىن، زور كۆلەملىك، تەشكىللىك تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بېرىش مۇمكىنچىلىكى زور دەرىجىدە ئازايدى. لېكىن ئىكىستىرىزم ئىدىيەسىنىڭ تارقىلىشى بىلەن ئامېرىكا زېمىنىدىكى تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى كۆپىيىشكە باشلىدى. ئالايلۇق: 2010-يىلى يۈز بەرگەن خۇدبوركتىكى ئوققا تۇتۇش ۋەقەسىنى ئامېرىكا ئەسكىرى پەيدا قىلغان. مۇشۇنداق قورغانغا ئىچىدىن ھۇجۇم قىلىش ئەھۋالىنىڭ ئالدىنى ئېلىش چەتئەل تېررورچىلىرىغا قارىشى تۇرۇشقا قارىغاندا تېخىمۇ تەس. مەنبە . جۇڭگۈ ئۇيغۇر رادىيۇ تورى
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
www.iz.la
