
چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە مىسىر سوت مەھكىمىسى باستۇرۇش دېلوسىغا قاراپ چىققاندىن كېيىن، سابىق پىرېزىدېنت مۇبارەكنى قويۇپ بېرىش بويرۇقى چۈشۈردى، ئەمما ئۇ ھازىر چىرىكلىشىش دېلوسى سەۋەبلىك تۇتۇپ تۇرۇلماقتا.
مىسىر قانۇنىدا: سوتلىنىشنى ساقلاۋاتقان جىنايەت گۇماندارىنى ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا ئىككى يىل تۇتۇپ تۇرغىلى بولىدۇ ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئامېرىكا تاراتقۇلىرى مىسىرنىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، 15-ئاپرېل مىسىرنىڭ قاھىرە نارازىلىق ئەرزى سوتى نامايىشچىقا چىققان ئامىمىنى ئۆلتۈرۈش جىنايىتىگە قارىتا، سابىق پىرېزىدېنت مۇبارەكنى قويۇپ بەردى. ئەمما ئۇ يەنە چىرىكلىشىش دېلوسى سەۋەبلىك داۋاملىق تۇتۇپ تۇرۇلىدۇ، دېگەن.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
مىسىر دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى شۇ جاي ۋاقتى 15-ئاپرېل بۇ خەۋەرنى ئېلان قىلدى. بىراق مىسىر ئۇچۇر مىنىسترلىقى ئۇندىن كېيىنلا، ھازىرغىچە تېخى ئاخىرقى قارار چىقىرىلمىغانلىقىنى، دەۋا يەنە داۋاملىق ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى». بۇندىن بۇرۇن، مۇبارەكنىڭ ئادۋوكاتى يۇقىرىغا مۇبارەك ئىككى يىلدىن ئارتۇق تۇتۇپ تۇرۇلغان بولسىمۇ ئىزچىل ھۆكۈم چىقىرىلمىغانلىقى سەۋەبلىك نارازىلىق ئەرزى سۇنغان ھەم سوتتىن مۇبارەكنى قويۇپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلغان. مىسىر قانۇنىدا ئەدلىيە ئورگىنى جىنايەت گۇماندارى سوتلاشنى كۈتۈپ تۇرۇش جەريانىدا، ئۇنى ۋاقىتلىق تۇتۇپ تۇرسا بولىدۇ، ئەڭ ئۇزۇن ۋاقىت ئىككى يىل، سوت مەھكىمىسى ئەھۋالغا قاراپ، تۇتۇپ تۇرۇش ۋاقتىنى مۇۋاپىق ئۇزارتسا بولىدۇ دەپ بېتكىتلگەن.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
2011-يىل 1-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا، مىسىردا زور كۆلەمدە ھۆكۈمەتكە قارشى نارازىلىق پائالىيىتى پارتلىدى. شۇ چاغدىكى پىرېزىدېنت مۇبارەك قاتتىق بېسىم ئاستىدا شۇ يىلى فېۋرالدا ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى ھەمدە ھوقۇقنى ئارمىيە تەرەپكە ئۆتكۈزۈپ بەردى. كېيىن، مۇبارەك تىنچلىق نامايىشچىلىرىنى باستۇرغان ۋە ئۆلتۈرگەن دېگەن جىنايەت بىلەن ئەيىبلەندى، شۇنداقلا چىرىكلىشىش جىنايىتى بىلەنمۇ ئەيىبلىنىپ، 2011-يىل 4-ئايدا قولغا ئېلىنىپ قامالغان ئېدى.
ئىز تورى بەك ياخشى
2012-يىل 6-ئايدا، قاھىرە جىنايى ئىشلار سوتى مۇبارەكنى ئۆمۈرۋايەت قاماش توغرىسىدا ھۆكۈم چىقاردى. 2013 – يىل 1 – ئايدا، مىسىر ئالىي سوت مەھكىمىسى بۇ دېلوغا قايتا قاراپ چىقىشقا قوشۇلدى.
ئەسلىمە ئىز تورى www.iz.la
باش سوتچىنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىشى سەۋەبلىك بۇ دېلوغا قايتا قاراپ چىقىش كېچىكتۈرۈلدى ئىز تورى بەك ياخشى
ئەسلىدە 13-ئاپرېل مۇبارەكنى قايتا سوتلىماقچى بولغان بولۇپ، شۇ كۈنى قاھىرە جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى پايتەخت قاھىرەدىكى ساقچى ئىنىستىتۇتىدا قايتا سوت قىلىشنى باشلىدى، بىراق سوت ئېچىپ «نەچچە سىكونت» بولۇپلا باش سوتچى مۇستاپا ئابدۇللا بۇ دېلوغا قاراپ چىقىش ئۇنى «تولىمۇ مۇشكۈل ھەم ئەنسىز ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغانلىقى» سەۋەبلىك، قاراپ چىقىشتىن چېكىنىدىغانلىقىنى، بۇ دېلونى قاھىرە نارازىلىق ئەرزى سوتىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
بۇ قارار جاكارلانغاندىن كېيىن، سوت پات-پاراق بولۇپ كەتكەن. بەزى 2011-يىلدا قازا قىلغان نامايىشچىلارنىڭ ئۇرۇق تۇغقانلىرى ۋە ئادۋوكاتلار قاتتىق غەزەبلىنىپ، «خەلق مۇبارەكنى جازالاپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ!» دەپ توۋلىغان.
بۇلتۇر مۇبارەكنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ياخشى بولماي بىر مەزگىل ھۇشسىز ياتقان. بىراق 13-ئاپرېل قارىماققا ئۇنىڭ روھىي ھالىتى خېلى ياخشى بولغان. سوتچى سوت مەيدانىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئۇ ناھايىتى تېزلا تىك ئۇچار بىلەن بۇندىن بۇرۇن داۋالىنىۋاتقان بىر ھەربىي دوختۇرخانىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەن. copyright by www.iz.la
مەنبە . جۇڭگۈ ئۇيغۇر رادىيۇ تورى تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
