كىرىم مەنبەسى
تەۋىسسيەلىك

خوتۇنۇڭنى ھۆرمەت قىل ،ئەمما ...

ۋاقتى:2013-01-07 13:46مەنبە: يوللىغۇچى:گۈزەلنۇر چېكىلىشى:قىتىم

                                             

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

                                         خوتۇنۇڭنى ھۆرمەت قىل ، ئەمما ...  

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

               خوتۇنىڭىزنىڭ ئەتراپىدا پايپېتەك بولۇشى مۇھەببەت ئىزھارى ئەمەس .ئۇ پەقەت ئۆمۈر يولداشلىق يۈزىسىدىن سىزنىڭ ساق ۋە خۇشال بۇلۇشىڭىز ئۈچۈن قايغۇرماقتا .بۇ ئىشلارنى ئۇ پەرز دەپ بىلىدۇ .ئەركەكنىڭمۇ ئائىلىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىشى خوتۇنىنى ساغلام ئاسراشتۇر .دەيمىزغۇ ،ۋەتەن مۇقەددەس دەپ .ۋەتەننى بالا -قازادىن ھىمايە قىلىش ئەركەكنىڭ شانى ،قىيامەت قەرزى !خوتۇنىڭىز بولسا بالىلىرىڭىزنى ئۆز ئۇستىخانلىرىئارا ئۈندۈرۈپ ،ئۆستۈرىدىغان ئىككىنچى ۋەتەندۇر !ئەمما ۋەتەننىڭ خۇنۈك -چىرايلىقى ،ياخشى -يامىنى بولماس .ئەگەر سىز بار جايدا ئۇ خاراپ بولسا ،سىزنىڭ تىرىكلىكىڭىز يالغان !بالىڭىزغا باغرىڭىز ئېچىشسا ،ئاتىلىقنى جايىغا قويىمەن دىسىڭىز ،ئانىسىنىڭ جېنىنى ھۆرمەت قىلىڭ !

ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور

               ئەمما ،بۇ ئار -نۇمۇسنى ۋە غۇرۇرۇڭنى خوتۇنۇڭغا قۇربان قىل دىگەنلىك ئەمەس !<<ئەركەك كىشى خوتۇندىن ئۈستۈن رەھبەردۇر >>دىيىلىدۇ  مۇقەددەس كىتابىمىزدا . مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق

               رەھبەر -تەمىنلىگۈچى ،رەھبەر -ھىمايە قىلغۇچى ،رەھبەر -ئىش تەقسىملىگۈچى ،جۈملىدىن ،نازارەت قىلغۇچى !رەھبەر يەنە سەنئەتكارانە ئىش تۇتۇشى ۋە مۇلايىم ،ئۇچۇق ياكى ئېغېر -بېسىق قىياپەتكە كىرىشىنى بىلىشى كېرەك .ياراتقۇچى ئايالنى ئۆز جۈپتى بىلەن يەنە شۇنداق قىياپەتتە تۇرۇشقا ئېھتىياجمەن ياراتقان ،بۇ ياراتقاننىڭ خاھىشى !ئەر شۇنداق بولالمىسا ،تەڭرىنىڭ ئىزنىسىدىن چىققان بۇلىدۇ ۋە جازاسى تەيىندۇر !

ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى

               ھاياتقا بىر نەزەر سالساڭ ،خوتۇنىنىڭ كۆزىگە مۆلدۈرلەپ قاراپ تۇرىدىغان ،خوتۇنىنىڭ ئاغزىدىن چىققىنىنى دەرھال بىجىرىدىغان ئەرلەرمۇ باردۇر .ئەمما ،بۇ ئەرنىڭ خوتۇنى ئېرىگە نىسبەتەن نالايىق بۇلىدۇ .ئېرى كۆرسىتىۋاتقان پىدائىيلىقلارنى سۆيۈنۈپ تۇرۇپ ئەمەس ،ئېرىنىپقىنا قۇبۇل قىلىدۇ .كۆرۇۋاتامسىز ،ئەر ئۆز مىھرىگە يارىشا مىھىر ئالالماي تۇرۇپتۇ ۋە ئالالمايدۇ ھەم !چۇنكى ئۇ ئەتراپتىكى باشقا قەرىزلىرىنى ئۇنتۇش ھىسابىغا خوتۇنىغا ئارتۇقچە بىرىلدى .ئۇنىڭدىن تاشقىرى ،ئۆزىنىڭ ھەزرەتلىكىنى ئۇنتۇدى ؛ئۇنىڭغا جۈپتى بىپىسەنىت بولسىمۇ <<ھۆرمەت >>كۆرسىتىۋېرىدۇ !بۇلۇپمۇ رەھبىرانە مەغرۇرلۇقنى ئۇنتۇپ ،خوتۇنىغا يۈرىكىدىكى بارىنى تۆكۈپ تاشلاۋېرىدۇ !بۇنداق كۈنگە قالغان ئەر بولسا خوتۇنىنىڭ نەزىرىدە بىردىن ۋىجكلەپ ،پەسلەپ كەتكەندەك تۇيۇلۇشقا باشلايدۇ !                 مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق

              ئۇنتۇماڭكى ،ئەر -خوتۇن بىر -بىرى ئۈچۈن ھەرگىز باش ئەگدۈرۈلگەن چوققىغا ئايلىنىپ قالماسلىقى كېرەك ،بولمىسا ،بىر -بىرىدىن زىرىكىشكە باشلايدۇ .ئەر بولغۇچى باش ئېگىپ ،ئىزھارىي مۇھەببەتكە چۈشتىمۇ ،تامام ،خوتۇنىدا كىبىر ئويغۇنىدۇ ۋە ئۆزى بىلمىگەن ھالدا جۈپتىدىن سۇۋۇپ بارىدۇ . بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

              ئائىلە -ئەر كىشىنى سىنايدىغان جەڭگاھ .يىگىتلەر ،قۇلىقىڭىزغا قۇتۇپ ئېيتاي ،بازار ۋە ئۆينىڭ خوجايىنلىق ئىشلىرى پەقەت سىزدە بولسۇن . ئائىلىنىڭ كوچا بىلەن پۈتىدىغان ھەممە مەسىلىلىرى سىز ئارقىلىق پۈتسۇن .مىڭ كۈيگە چۈشسىڭىزمۇ ،شۇلارغا ياراڭ ! خوتۇنىڭىز بۇ ئىشلارغا خوشتارلىقىنى بىلدۈرسىمۇ ،ئۇنىڭ مەسلىھەتىنى ئېلىڭ ،ئەمما مەيدانغا ئۆزىڭىز چۈشۈڭ .ئەركەكچە تۇرمۇش دىگەن ئەنە شۇ .ئەگەر سىز بۇنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىسىڭىز ،تۇرغان گەپكى ،بۇ يۈك خوتۇنىڭىزغا قالىدۇ . ئىز تورى بەك ياخشى

               پەرمانبەردارلىق ھەمىشە ئىشنى جايىدا قىلىدىغان كىشى تەرىپىدىدۇر .ئەگە ر سىز تۆت ئەزايىڭىز ساق تۇرۇپ ،ئەھلى خوتۇنىڭىزنى ئىسسىق -سۇغۇقتىن ،سىناق ۋە خەتەردىن ھىمايە قىلالمىسىڭىز ،قازىنىنى قاينىتالمىسىڭىز ئۆز -ئۆزىدىن ئائىلىدىكى ئورنىڭىز پەسىيىپ بارىدۇ ! ئەمدى خوتۇننىڭ ئورنى ئەمرى پەرمانغا ،سىز بولسىڭىز ئىتائەتكە ئۆتىسىز !بۇمۇ ھالاكەت !بۇ دېگىنى خوتۇنىڭىز ئىزنىڭىزدىن چىقتى ،دېمەك ،سىنىدىڭىز ! خوتۇن ئائىلە تارتىشتا مەيداندا يالغۇز قالدى ،جۈپتى تىرىك تۇرۇپ ،ئالا خورجۇننى يەلكىسىگە ئالدى ،ئۆكسۈدى ،غېرىپلاشتى دىگىنى !ئەمدى ئۇنىڭ ئاھى تۇتىدۇ سىزنى ! ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى

               ناۋادا ،تاپارمەن -تۇتارمەنلىكىڭىز ياخشى دەيلى ،ئەمما خوتۇنىڭىز سىزگە ئىش بۇيرۇپ تۇرسا ،جاۋىلداپ تەنبىھ بەرسە ،ئۆز ئىززىتىڭىزنى ھىمايە قىلالمىسىڭىز ،ئۇنىڭ ئېغىزىنى يېپىش ئۈچۈنمۇ ئېيتقىنىنى بېجىرىۋەرسىڭىز ،بۇنداق ئائىلىمۇ خەتەرگە تۇتۇلىدۇ !قىزلىرىڭىز بارغان جايلىرىدا ئەرلىرىنى خار قىلىدۇ ،كېلىنىڭىز ئوغلىڭىزنىڭ يەلكىسىدە ئولتۇرىدۇ !خوتۇنغا ئۇرۇنسىز ئىتائەتكارلىقنىڭ جاۋابى بۇ ! ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

             ئەرلەرنىڭ ھەر ئۈچ خاتالىقىنىڭ ئىككىسى ئاياللار تۈپەيلىدىندۇر .خوتۇنىڭىز ھەق رازى بولىدىغان ئىشلارغىلا  يېتەكلىسە ،مەسلىھەتلىرىگە قۇلاق سېلىڭ .ئۇ مىھرىبانلىق بىلەن چاي ئۇزىتىپ ،ئۆزىڭىزنى ئۆزىڭىزگە ماختاپ تۇرۇپ ،مال -دۇنياغا ،شان -شۆھرەتكە ھېرىس قويدۇرمايۋېتىپتىمۇ ؟ ئاكا -ئىنىلىرىڭىزغا ،قولۇم -قوشنىلارغا گىژ-گىژلىمايۋېتىپتىمۇ ؟ئانىڭىزدىن ئارازلاشقا ،ئاتىڭىز ئۆلمەي تۇرۇپ مىراس تالىشىشقا سىزنى سازلاپ قويمايۋېتىپتىمۇ ؟ئگەر شۇنداق تەسىردە بولسىڭىز ،ھالاكەتكە ئۇچرىغىنىڭىز شۇ ! بۇنىڭ بىلەن خۇدا بەرگەن بۈيۈك نېمەت ئار -ۋىجدان ۋە قان - قېرىنداشلاردىن جۇدا بولدىڭىز .ئەمدى سىز ياشاۋىرىسىز ،يۈرىكىڭىز ئۇرۇۋىرىدۇ .ئەمما قوڭغۇراقلىق سائەتكە ئايلاندىڭىز .خوتۇنىڭىز كۆرسەتكۈچىڭىزنى نەچچىگە توغرىلىغان بولسا،ئاشۇ ۋاقىتتا خاتاسىز جىرىڭلاشنى بىلىسىز ،خالاس !

www.iz.la

             ئېسىڭىزدە بولسۇن ، مۇقەددەس كىتاپتا ؛ <<ئاياللارنى ئۇلۇغ ئادەملەرلا ھۆرمەت قىلىدۇ >> دېيىلگەن . يەنە ئەسلەپ قېلىڭكى ،ئاياللارنى ھۆرمەت قىلغان ئادەم تېخى ئۇلۇغ ئەمەس ،ھۆرمەت قىلىش تەرزىنى بىلگەن ئادەم ئۇلۇغدۇر .جىمىي ئەركەكلەرگە ئۇلۇغلۇق تىلەيمەن . بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

                    بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

                                               مەنبە ؛      << ھايات سىناقلىرى >> ناملىق كىتاپتىن ئېلىندى .  بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

                                                     بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

                                                 بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

ياخشىكەن
(3)
100%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس