بىر بالا ئىشىك ئالدىدا كونا ھارۋا چاقىنى دۈگىلىتىپ ئويناۋاتقانىكەن،مېنى كۆرۈپ دەرھال ئالدىمغا يۈگۈرۈپ كەلدى-دە،مەندىن،(ھەي،كىم بولىسەن؟)دەپ سورىدى.مەن ئۇنۇڭىغا؛(مەن-ئۆز ئەھۋالىنى ئۆزگرتىشكە قادىر بولالمايۋاتقان ئادەم)دېدىم،ئۇ بالا سۆزۈمنى ئاڭلاپ كۈلۈپ كەتتى،ۋە؛(قىزىق ئادەمكەنسە)دېدى،ئۇ بالىنىڭ سۆزۈمنى چۈشەنمىەەنلىكى ئېنىق،لېكىن ئۇنىڭ چىرايىدا چۈشەنەەن ئادەملەرگىلا خاس بولغان كۈلكە ئەكىس ئېتىپ تۇراتتى.مەن ئۇنۇڭدىن؛(ئۆزۈڭ كىم بولىسەن؟)دەپ سورىدىم،ئۇ؛(مەن يۈسۈپ بەگزادە)دەپ جاۋاب بەردى. ئۇنىڭ جاۋابىنى ئاڭلاپ ئىختىيارسىز كۈلۈپ كەتتىم،ئۆزىنى ھەر خىل ناملار بىلەن ئاتىۋالىدىغانلار بىلەن تولغان بۇ دۇنيادا ياخشى نام بىلەن يامان نامنىڭ پەرقىمۇ سۇسلىشىپ كېتىۋاتاتتى،مەن باشقىلارنى ھەر خىل ناملار بىلەن ئاتاپ باققان.باشقىلارمۇ مېنى كۆپلىەەن ياخشى-يامان ناملار بىلەن ئاتاپ كەلدى.مانا بۈگۈن بۇ بالىمۇ ئۆزنى(يۈسۈپ بەگزادە)دەپ ئاتىۋاپتۇ،بەلكىم ئاتا-ئانىسى ياكى بوۋا-مومىسى ئۇنى شۇنداق ئاتايدىغاندۇ،شۇنىڭ تەسىرىدە گەرچە بەگزادىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلمىسىمۇ ئۆزىنى (بەگزادە)دەپ ئاتىۋالغان بولۇشى مۇمكىن،ئۇ بالىغا ھەۋىسىم كەلدى،ئۇ ئۆزىنى (بەگزادە)دەپ بىلىدىكەن ھەم ئۇنۇڭغا ئىشىنىدىكەن،بىراق مەن ئۇ بالا بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى بىلسەممۇ،ئەڭ مۇھىمى ئۆزۈمنىڭ كىملىكىمنى بىلمەيلا قالماستىن،يەنە ئۆزۈمگە ئىشەنمەيدىكەنمەن،مېنىڭ نەزىرىمدە بۇ بالا بەگزادىدىن ئارتۇق،ئۇ ھارۋا چاقىنى دۆگىلەتكەن ھالدا كېتىپ قالدى،ئۇ ھازىر ھارۋا چاقىنى دۈگىلىتىدۇ،كېيىنچە ۋېلسىپ مىنىدۇ،ئاندىن موتسىكلىت،ئاندىن ماشىنا ھەيدەيدۇ،ئنىڭ ھەۋسى ۋە تەلپى بارغانسېرى ئېشىپ بارىدۇ،ئاخىرىدا ماڭا ئوخشاش ھەممىگە ئىگە بولۇش قەستىدە بولىدۇ.مەن ئۇنىڭ ھارۋا چاقىنى دومىلىتىدىغان ھازىرقى ھالىتىنى ياخشى كۆرىمەن،ھەي بالا،بىرى كەل،ماڭا مۇشۇ يېشىڭدىكى نەپىس-خائىشىڭنى بەر.سەن ئۇنى ھامان تاشلىۋېتىسەن،مەن بولسام ئۇنى تاشلىۋەتكىنىمگە ئۆكۈنمەكتىمەن. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
بىرىسىنىڭ ئۆيىگە باردىم،يەنە بىر بالىنى ئۇچراتتىم،ئۇ بالا 3-4ياشلاردا بالا ئىدى،كۆرگەنلا ئادەمنى يامان گەپلەر بىلەن تىللايتى،ھەممە نەرسىنى ئۆزۈمنىڭ قىلۋالسام دەپ ئويلايتتى،ئۇ بالىنىڭ ئەھۋالىنى كۆرۈپ تولىمۇ ھەيران بولدۇم،بۇ بالا شۇنچە كىچىك بولشىغا قارىماي،ھاياتلىقتىكى ئەڭ ئاساسى ماھارەتنى ئىگىلەپ بوپتۇ،ئۇ كېينىچە ھېچنېمە ئۆگەنمىسىمۇ،پەقەت ئاشۇ ھېسىياتى ئىچىگە يوشۇرۇشنى ئۆگىنۋالىسىلا ھېچ يەردە ئەيىبلەنمەي ئۆتىدۇ،بەزىلەرنىڭ ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئۆگەنگىنى پەقەت مۇشۇ ماھارەتلا بولدى،ھېچ يەردە بىرەر ئەيىبلەنمىدى،گويا ھەممە ئادەم شۇنداق،ئاشۇنداق بولۇشى يوشۇرۇن قائىدە،بۇ بالىغا ھەۋەسلەنمەي تۇرالمىدىم،ئۇ كىچىك بولسىمۇ ئەڭ مۇھىم نەرسىنى ئۆگىنىپ بوپتۇ،بېرى كەلگىن دوستۇم،گەرچە جىسمىمىز ئوخشاش بولمىسىمۇ روھىمىز ئوخشاشكەن.
ئۆيدە سىرتقا چىقسام،بىر ئايال قۇدۇقتىن سۇ ئېلىۋاتقانىكەن،ئۇنىڭ ئەمدىلا تىلى چىققان ئوغلى مېنى كۆرۈپلا قاتتىق يىغلاپ كەتتى،بۇ بالا بىلەن يېقىن ئارىلىقتىن تۇنجى قېتىم ئۇچرىشىشىم بولغاچقا،سەل ھەيران قالدىم،ئۇنىڭ نەزىرىمدە مەن گوياكى غەلىتە مەخلۇق،ياكى ئادەم يەيدىغان بۆرە،ئۇ نېمىشقا مەندىن بۇنچىۋالا بەك قورقىدۇ؟دەپ ئويلاپ قالدىم،گەرچە ئۇنىڭ جەمەتىنى ئەزەلدىن ئۆزۈمدىن قاتتىق قورقىدىغان قىلىشنى ئويلاپ كەلگەن بولساممۇ،بۇ كىچىك بالىنىڭ مېنىڭ ھېچقانداق ھەركىتىمسىز مەندىن قاتتىق قورقۇشى مېنى ئوڭايسىزلاندۇرۇپ قويدى، ئۇنىڭغا كىم بۇنداق ئۆگەتكەن بولغىيتتى؟ئەگەر ئۇ چوڭ بولسا،ئۇنى قۇرقۇتۇشىنى ئىستىشىم مۇمكىن،لېكىن ئۇ ھازىر راستىنلا قورقۇۋاتاتتى،شۇڭا ئۆزۈمگە ئوخشىمىغان گەپلەرنى قىلىشقا باشلىدىم،ئەي-بالا،مەندىن ھەرگىز قورقما،مەن ياخشى ئادەم...... ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!