
ئىز تورى بەك ياخشى
جەمئىيەت ئائىلىدىن شەكىللىنىدۇ ، ئائىلە جەمىئيەتنىڭ كۆزنىكى ، ئەڭ كىچكى ۋە ئاساسىي ھۇجەيرىسى . مۇشۇ مەندىن ئېيىتقاندا ، بىر ئائىلە ئەڭ كىچك جەمئيەتتۇر . << مىللىتىم ساپ بولسۇن دېسەڭ ، ئىشنى ئائىلەڭدىن باشىلا >> دېگەن ھېكىمەت بار . ئائىلە تەربىيىسى ( مائارىپى ) دېگىنىمىز ، بىر ئائىلىدىكى ئاتا -ئانا بولغۇچى ۋە باشىقا قورامىغا يەتكەن كىشىلەرگە ، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئۆز پەرزەنتىلىرىگە قارىتا ئېلىپ بېرىلىدىغان تەربىيىنى كۆرسىتىدۇ ،
ئائىلە تەربىيىشى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجىتىمائىي ھاياتىدا چوڭ ئورۇن تۇتۇپ كەلگەن ، ئۇيغۇر ئائىلىدىكى ئەخلاق تەربىيىسىنى ئەڭ ئاساسىي تۈپ شەكل دەپ قاراپ ، ئائىلىنى ئەخلاق ، بىلىم ، ماھارەت ، كەسىپ ۋە قائىدە - يوسۇن ، ئۆگتىدىغان ئەڭ موھىم مەكتەپ تەرقىسىدە تونۇپ ، ئەۋلاتلارنى ئەجداتلار يەكۈنلىگەن كىشلىك ھايات تەجىربىلىرى ۋە ئەخلاقىي ئۆلچەملىرى ئارقىلىق تەربىيلەپ ، بۇ ئەنئەنىنى تارىخىي ۋارىسچانلىققا ئىگە قىلىدى ، ھەربىر پەرزەنت تۇغۇلغان ھامان قۇيۇق مىللىي پۇراق ۋە ئۇسلۇپقا ئىگە . قائىدە -يۇسۇنلار ئىچىدىگە كىردى . شۇنىڭ بىلەن ھەربىر ئائىلە يېڭى ئەۋلاتلارنى تەربىيلەش بۆشۈكى سۈپىتىدە رول ئوينىدى ، ئائىلە تەربىيسىنىڭ مەزمۇنلىرى ياخشى ئادەم بولۇش تەلەپ -ئۆلچەملىردىن تارتىپ ، كەسىپ بىلىم ، كەسىپى ئەخلاق ، جامائەت ئەخلاقىي ، قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچگە ئالىدۇ ،
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئۇيغۇرلاردىكى ئائىلە تەربىيىسىنىڭ مەزمۇنى مول ۋە كۆپ تەرەپلىمە بولۇپ ، ئومۇمەن ئېيىتقاندا ، ئاتا - ئانىلار ھەممە ئىشتا ئۆلگە كۆرسىتىش ، ئەخلاقىي پەزىلەتلەرنى ئائىلىدىن تارتىپ يېتىلدۇرۇش قاتارلىق شەكىلەر ئارقىلىق پەرزەنتلەرنى ئېسل ئەخلاقىي ۋە كەسىپى ئاڭغا ئىگە قىلىپ كەلدى . ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
پەرزەنتىلەرنىڭ كەلگۈسىدە قانداق ئادەم بولۇشى ئۇنىڭ كىچىك ۋاقتىدكى ئائىلە تەربىيسىگە باغلىق ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنۋى ئائىلە تەربىيسىدە كىچىك بالىلار پەزىلەت يېتىلدۇرىسە ، كىشلىك ئالاقە يوسۇنلىرىنى ئۆگنىپ ئەمەلدە كۆرسەتسە ، ئۇلارنى ئوخشاشمىغان قىممەت ۋە شەكىلدىكى ماددىي بويۇملار بىلەن مۇكاپاتلىغان، پەزىلەتسىزلىك قىلغانلارغا تەربىيە بىرىپ چۈشەندۇرۇش ئارقىلىق ئۇلاردا پەزىلەت يېتىلدۇرۇپ ، ئۆز مەنپەئەتىنى قولغا كەلتۇرۇشكە دەۋەت قىلغان . ئۇنىڭىدىن باشىقا ، پەرھىز چەكلىمىلىرى ئارقلىق تەربىيە ئېلىپ بارغان. مەسلەن يامان ئاقىۋەتتىن قەتئىي ساقلىنىش ئۈچۈن << ئاتا -ئانىنى قاقشاتسا ، ئMرى خار - زارلىقىتا ئۆتىدۇ >> . << يالغان سۆزلىسە رىزىقى كەم بولىدۇ ، >> << ئۇستازنى ھۆرمەتلىمىسە ھۈنەردە روناق تاپالمايدۇ >> ، موللامىنىڭ تايىقى تەككەن يەردىن قىيامەتتە قىزىل گۈل ئۇنۇپ چىقىدۇ >> << قۇش بالىلىرنى ئۆلتۇرسە ، ئاتا - ئانىسىدىن كىچك تۇرۇپلا يېتىم قالىدۇ ، >> ........... قاتارلىق كۆپلىگەن پەرھىزلەر ئارقىلىق پەرزەنتىلىرىگە قاتمۇ قات چەكلىملەرنى قويۇپ ، << يامان بولىدۇ >> نى كۆپ سۆزلىگەن ، ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
گەرچە بۇ پەرھىزلەر تەبىئەتتىن ھالقىغان كۈچلەردىن ئەيمىنىش ، ھەتتا خۇراپاتلىقتەك ھەرخىل غەيرى ئەقىلىي قاراشلارنى مەنبە قىلسىمۇ ، لىكىن ناچار ئەخلاقىي قىلمىشلاردىن توسۇش رولى كۈچلۈك بولغان www.iz.la