كىرىم مەنبەسى
تەۋىسسيەلىك

چاچ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى تەدبىر....

ۋاقتى:2012-10-03 10:12مەنبە: يوللىغۇچى:ئايگۇل چېكىلىشى:قىتىم

1. چاچقا نىلون تارغاق ۋە تىلون چوتكا ئىشلەتمەسلىك كېرەك. چۈنكى نىلون تارغاق ياكى چوتكا باش تېرىسىگە قارىتا يامان تەسىر پەيدا قىلىدۇ.
2. مايسىزلاندۇرۇشى كۈچلۈك بولغان چاچ سوپۇنلىرىنى ئىشلەتمەسلىك لازىم. چۈنكى بۇ خىل چاچ سوپۇنلىرى چاچنى بەكلا قۇرغاقلاشتۇرۇپلا قالماستىن، باش تېرىسىنىمۇ نىكروزلاشتۇرۇۋېتىدۇ.
3. چاچ قۇرۇتقۇنى كۆپ ئىشلەتمسەلىك كېرەك. چاچ قۇرۇتقۇنىڭ چاچ بىلەن بولغان ئارىلىقى 20سانتىمېتىر بولۇشى، ئىشلىتىش ۋاقتى ئۈچ مىنۇتتىن ئىشىپ كەتمەسلىكى كېرەك، بولمىسا چاچتىكى ئاقسىل ماددىسى قاتارلىقلاردىن تەركىپ تاپقان ئېلمېنتلار زىيانغا ئۇچرايدۇ.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

4. چاچ يۇيۇش ئۇسۇلىغا ئەھمىيەت بىرىش لازىم. ئىككى قىتىملىق چاچ يۇيۇش ئارلىقى ئىككى كۈندىن بەش كۈنگىچە بولۇش، چاچ يۇغاندا باش تېرىسىنى ئۇۋلاشقا، قان ئايلىنىشنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئەھمىيەت بىرىش لازىم.
5. ۋاقتىدا ئۇخلاش، كېچىدە تاماكا چەكمەسلىك لازىم.
6. ھاراق ۋە باشقا ئىسپىرتلىق ئىچىملىكلەردىن ئۆزىنى تارتىش لازىم.
7. روھىي چۈشكۈنلۈك ۋە ئارتۇقچە ئازابتىن خالى بولۇش، كۆپرەك سەيلە- ساياھەت قىلىش، يېنىك گىمناستىكا ئويناپ تۇرۇش لازىم.
8. قەۋزىيەت بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنىش لازىم. چۈنكى، قەۋزىيەت قان سۇيۇقلۇقىنى بۇلغاپ، چاچنىڭ سۈپىتىنى بۇزىدۇ، چاچ چۈشۈشنى پەيدا قىلىدۇ. ئىز تورى www.iz.la
9. ھاۋا تەڭشەشكە دىققەت قىلىش لازىم. چۈنكى چاچنىڭ مۇۋاپىق ھاۋاغا ئېرىشەلمەسلىكى چاچ ئاقىرىش ۋە چۈشۈشنى پەيدا قىلىدۇ.
10. باش كىيىملەرنىڭ ھاۋا ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان بولۇشىغا ئەھمىيەت بېرىش لازىم. ئۇنداق بولمىغاندا چاچنىڭ كۆتەك مۇسكۇللىرى بۇزۇلۇپ، چاچ چۈشۈش پەيدا بولىدۇ
ياخشىكەن
(20)
90.9%
ئالقىشلايمەن
(2)
9.1%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس