خانىم – قىزلار ئۆزىنى ئاسراش ۋە كۈتۈشكە يېتەرلىك ئەھمىيەت بېرىشى لازىم، ئۇنداق بولمىغاندا، ھەرخىل ئۇششاق كېسەلنىڭ ئاۋارچىلىكىدىن قۇتۇلالمايدۇ. مۇتەخەسسىسلەر يېقىندا خانىم – قىزلارنىڭ سالامەتلىكىنى باھالايدىغان يەتتە كۆرسەتكۈچنى ئوتتۇرىغا قويدى:
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
كىچىك تەرەتنىڭ سۈزۈك بولۇشى ئەگەر ھەركۈنلۈك كىچىك تەرىتىڭىز سۇس سېرىق بولۇپ، بەك قېنىق بولمىسا، بۇ بەدىنىڭىزدىكى سۇ مىقدارىنىڭ تولۇق ۋە بۆرەك، جىگىرىڭىزنىڭ ساغلام ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ؛ ئەگەر رەڭسىز سۈزۈك بولسا، بەدىنىڭىزدىكى سۇ مىقدارىنىڭ ئېشىپ كەتكەنلىكى، بەدەنگە كېرەكلىك بولغان تۇز، ئېلېكتىروئىدلارنىڭ كەملەپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
چوڭ تەرەت
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
چوڭ تەرىتىڭىزنىڭ رەڭگى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر قان ئارىلاش ياكى بەك قاتتىق ۋە سۇيۇق كەلمىسە ياخشى. چوڭ تەرەتنىڭ تەرتىپلىك، راۋان كېلىشى ئوزۇقلىنىش جەريانىدىكى سېلليۇلوزىنىڭ يېتەرلىك قوبۇل قىلىنغانلىقى، ھەزىم قىلىش سىستېمىسىنىڭ ساغلام ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
ئىز تورى بەك ياخشى
بەدەن ئېغىرلىقى تۇراقلىق بولۇش
بەك ئورۇق ياكى بەك سېمىز كىشىلەردىن باشقا كىشىلەرنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ مۇقىم بولۇشى ئۇلارنىڭ ساغلام ئىكەنلىكىلىنىڭ مۇھىم بەلگىسى، بەدەن ئېغىرلىقى چوڭ پەرق بىلەن ئارتىپ ياكى كېمىيىپ كەتسە، بۇ نورمالسىزلىق، شۇڭا دەرھال دوختۇردىن مەسلىھەت سوراش كېرەك. www.iz.la
جاراھەت تېز ساقىيىش
ئىز تورى www.iz.la
ئەگەر بەدىنىڭىز يېنىك جاراھەتلىنىپ، يېنىڭ كۆيۈپ، ئۇزاق داۋالىسىمۇ ساقايمىسا، دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك. جاراھەت تېزلا ياخشى بولسا، بۇ ئاق قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ مىكروب ئۆلتۈرۈش ئىقتىدارىنىڭ، قان نوكچىسى ۋە قان تومۇرلارنىڭ نورمال ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
چاچ ۋە تىرناقنىڭ ساغلاملىقى
چاچ ۋە تىرناقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تېرە قىسىملىرى ۋىتامىنلارنىڭ تولۇق – كەملىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان <<كۆرسەتكۈچ چىراغ >>. تىرناق قاتتىق بولماي ئاسان ئېگىلىپ، ئاسان سۇنسا، چاچنىڭ چۈشۈشى نورمالسىز بولسا، چوقۇم دوختۇرغا كۆرۈنۈپ سەۋەبىنى بىلىش كېرەك. ھەيز نورمال بولۇش ئىز تورى www.iz.la
ھەيزنىڭ نورمال كېلىشى كۆپىيىش سېستىمىسى ساغلاملىقىنىڭ بەلگىسى. ھەيز تەرتىپسىز بولۇپ، ئۇزاق ۋە كۆپ كەلسە، چىدىغۇسىز دەرىجىدە ئاغرىتىپ كەلسە، دوختۇردىن مەسلىھەت سوراش كېرەك.
ئىز تورى بەك ياخشى
قېنىپ ئۇخلاش
ئەگەر كېچىسى ئۇخلىغاندا، قارا بېسىپ ياكى ھاجەتكە چىققۇسى كېلىپ ئويغىنىپ كەتكەننى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئەتىسى ئويغانغاندا، ئۆزىنى ئىنتايىن يەڭگىل ھېس قىلسا، بۇ ئۇيقۇنىڭ نورماللىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
مۇختەبەر پەرھات تەرجىمىسى
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن