بىرلەشمە سەھەر گېزىتى تورىنىڭ 28-سىنتەبېر خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى پانېتتا 9-ئاينىڭ 27-كۈنى بەش بۇرجەكلىك بىنادا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلار يىغىنىدا دېيىشىچە، ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيىسى ئافغانىستان بىخەتەرلىك قىسىملىرى بىلەن بىرلەشمە ھەرىكەتنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن.
پانېتتا بۇ قارارنى جاكارلىغان چاغدا، ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئافغانىستان قىسىملىرى بىخەتەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش ئىستراتىگىيىسىنى داۋاملىق ئىجرا قىلىدىغانلىقىنى، ئەمما بىرلا ۋاقىتتا ھەر خىل زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدايدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ بۇنىڭدىن ئىلگىرى ش ئا ئە ت نىڭ بىرلەشمە ھەرىكەتنى ئازايتىش قارارىنىڭ ۋاقىتلىق تەڭشەش ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ئىدى.
ئافغانىستاندا يېقىندا ئافغانىستان ئەسكەرلىرى ۋە ساقچىلىرىنىڭ چەتئەل ئەسكەرلىرىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى پات-پات يۈز بەرگەنلىكتىن، ش ئا ئە ت نىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق خەلقئارا ياردەمچى بىخەتەرلىك قىسىملىرى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى ئافغانىستان بىخەتەرلىك قىسىملىرى بىلەن بولغان بىرلەشمە ھەرىكىتىنى ئازايتىشنى قارار قىلغان.
(نەپرەت)