ياشلىقنىڭ قەدىرنى ياشلار بىلەرمىش ،
شۇڭلاشقا زىرىكمەي ئويناپ كۈلەرمىش .
ياشانغان چېغىدا ھوسۇلىسىز قېلىپ ،
ھىممەتلىك قېرىدىن كەپسەن تىلەرمىش .
----
ياشلىقىنىڭ قەدىرنى ياشلىقىتا بىلسە ،
ئۆگەنسىە ،ئىشلىسە ، ئوينىسا ، كۈلسە ؛
ياشانغان چېغىدا ياشايدۇ مەغرۇر،
ئەجرىدىن شان -شەرەپ ، ھۆرمەت تۆكۈلسە .
----
ياشلىقىنى قەدىرلەش ئەقىلىگە باغلىق ،
ئۇنىڭىسز قەدىرنى بىلىشىمۇ چاغلىق ،
ياشلىقىنىڭ قەدرىنى بىلمىگەچكە مەن ،
كارىۋاننىڭ كەيىنىدە قالىدىم ئۇلاغلىق .
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
مەنبە جان تەسەددۇق