كۆپىنچە ئاياللار يۈزىگە مېۋە، كۆكتاتلارنى چاپلاپ تېرىسىنى ياخشىلىماقچى بولىدۇ، ئۇلار مېۋە ۋە كۆكتاتلارنىڭ تەركىبىدە ۋىتامىن كۆپ، يۈزگە چاپلىغاندا ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ ئىلمى ئاساسى يوق، بۇنداق قىلىش بەزىدە ئەكس تەسىر پەيدا قىلىدۇ.
تەتقىقاتچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، مېۋە ۋە كۆكتاتلارنىڭ تېرە ئاسراشتا ئۈنۈمى بولسىمۇ، يۈزىگە بىۋاستە چاپلىغاندا ئەكس تەسىر پەيدا قىلىدىكەن. ۋىتامىن C نىڭ تېرە ئاقارتىش ئۈنۈمى بولسىمۇ، مېۋە ۋە كۆكتاتلارنى بىۋاستە يۈزگە چاپلىسا، تېرە قارىداپ قېلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ. شۇڭا ئەڭ ياخشى تېرە ئاسراش ئۈنۈمىگە ئېرىشىش ئۈچۈن، ۋىتامىن C مول بولغان مېۋە ۋە كۆكتاتلارنى كۆپرەك يەپ بەرگەندىن سىرت يەنە تۈرلۈك مىۋە تەركىبلىك گىرىم سۈيى ۋە تېرە ئاسراش مايلىرىنى ئىشلەتكەن تۈزۈك. ئىز تورى بەك ياخشى
_____ شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن