كىرىم مەنبەسى
تەۋىسسيەلىك

ھۆسۈن گۈزەللەشتۈرۈش رېتسىپلىرى

ۋاقتى:2012-08-09 09:03مەنبە: يوللىغۇچى:مەلىكەم چېكىلىشى:قىتىم

قوڭۇر داغ يۈز تېرىسىدە پەيدا بولىدىغان سۇس جىگەر رەڭلىك ياكى سارغۇچ قوڭۇر رەڭلىك داغدىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ كېسەل، ياش ئاياللاردا كۆپ ئۇچرايدۇ . مەڭزى ، بۇرۇن، پېشانە قىسىملىرى ۋە ئېغىز ئەتىراپىدا كۆپ كۆرۈلىدۇ. بۇرۇن ۋە ئۇنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى داغلار ئۆزئارا تۇتىشىپ كېپىنەك شەكلىنى ھاسىل قىلىدۇ. ئۆزىگە بىلىندىغان كېسەللىك ئالامەتلىرى بولمايدۇ، داغنىڭ رەڭگى سۇس قوڭۇر رەڭلىك بولۇپ چېگرىسى ئېنىق بولمايدۇ. نورمال تېرە تەكشىلىكتە بولۇپ، سىرتقى يۈزى سىلىق، قاسىراق ۋە كېپەكلەر بولمايدۇ. ئاپتاپتا ئۇزۇنراق تۇرسا، تېخىمۇ قېنىقلىشىپ كېتىدۇ.

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

  بۇ بەدەندىكى خىلىتلارنىڭ غەيرى تەبئىي ئۆزگىرپ، تېرە شىللىق پەردىلەرگە تەسىر قىلىشى ئارقىلىق شەكىللىنىدۇ ياكى ئۇلترا بىنەپشە نۇرنىڭ زىيادە تەسىر قىلىشىدىن شەكىللىنىدۇ. داۋالاشتا قايسى سەۋەبتىن بولغان بولسا سەۋەبىگە قارىتا چارە كۆرۈلىدۇ.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

  ئەگەر ئۇلتىرا بىنەپشە نۇرنىڭ زىيادە تەسىر قىلىشىدىن بولغان بولسا، كۈن نۇرىنىڭ ئۇزۇن ۋاقىت بىۋاستە تەسىر قىلىشىدىن ساقلىنىش بىلەن بىرگە تەركىبىدە ۋىتامىن C مول بولغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش، بۇ ئارقىلىق تېرىنىڭ ماددا ئالمىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئەگەر خىلىتلارنىڭ غەيرىي تەبىئىي ئۆزگىرىشىدىن بولغان بولسا شۇ خىلىتقا قارىتا تازىلاش چارىسىنى قوللىنىش ھەمدە سىرتىدىن تۆۋەندىكى دورىلارنى تەييارلاپ ئىشلىتىش لازىم . ئىز تورى www.iz.la

  1. 5 گىرام رەۋەننى يۇمشاق ئېزىپ 10 گىرام ھەسەل بىلەن ئارلاشتۇرۇپ مەلھەم قىلىپ 5~3 كۈنگىچە چاپقاندىن كېيىن توختىتىپ، تاۋۇز ئۇرۇقى مېغىزى ،قوغۇن ئۇرۇقى مېغىزى، ئاچچىق بادام مېغىزى قاتارلىقلارنى تەڭ مىقداردا ئېلىپ يۇمشاق ئېزىپ، تۇخۇم ئېقى بىلەن مەلھەم تەييارلاپ چېپىلىدۇ . ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

  2. يۈز يۇيىدىغان سۇغا بىر-ئىككى تېمىم ئاچچىقسۇ قۇيىۋەتسە پېگىمىنىتلارنىڭ چۆكىۋېلىشىنى يېنىكلىتىدۇ. copyright by www.iz.la

  3. تۇخۇمنى ھاراققا يەتتە كۈن چىلاپ، ھەر كۈنى كەچتە تۇخۇمنى داغ بار جايغا سۈرسە بولىدۇ.

www.iz.la

  4. ئۆلۈك ئاق پىلە قۇرتى بىلەن ئاق ھەشقىپىچەكنى تەڭ مىقداردا سوقۇپ تالقان قىلىپ، ھەسەل بىلەن ئارلاشتۇرۇپ داغ بار جايغا سۈرسە بولىدۇ.

بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!

  5. خورما دەرىخى يوپۇرمىقىنى سوقۇپ، ئېرىتىلگەن ۋازېلىن بىلەن ئارلاشتۇرۇپ مەلھەم قىلىپ، 4~3 قېتىم سۈركەپ بەرسە بولىدۇ.

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

  6.ھەر كۈنى 600~300 مىللىگىرام ۋىتامىن C ۋە جۇڭيىچە مۇرەككەپ كومىلىچى(六味地黄丸)دىن ئىككىنى ئىچىپ بەرسە بولىدۇ.

ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى

  7. بىر نەچچە تۇخۇمنى قاچىغا سېلىپ ئاق ھاراققا چىلاپ ،(تۇخۇم چۆككۇدەك بولسا بولدى) ئاغزىنى ھىم ئېتىپ ،28 كۈندىن كېيىن ئاق ھاراقنى تۈكىۋېتىپ ، تۇخۇم ئېقىنى ھەر كۈنى كەچتە ئۇخلاشتىن بۇرۇن داغ بار يەرگە سۈرسە بولىدۇ. ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور

  8.قوچقار پاچاق سۆڭىكىنى تالقان قىلىپ تۇخۇم ئېقى بىلەن مۇۋاپىق مىقداردا ئارلاشتۇرۇپ، يۈزگە ياكى داغ بار جايغا سۈرسە ،قۇرىغاندىن كېيىن گۈرۈچ سۈتىدە يۇيىۋەتسە ئۈچ كۈندىلا ئۈنۈمى كۆرۈلىدۇ، بۇ رېتسىپ تېرىسى قارا ھەم سېرىق كىشلەرگە ئالاھىدە ئۈنۈم بېرىدۇ. (غەيرەت جاسارەت تەييارلىغان) ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

ياخشىكەن
(17)
73.9%
ئالقىشلايمەن
(6)
26.1%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس