كىرىم مەنبەسى
تەۋىسسيەلىك

ئاياللارنىڭ يۈزىگە قورۇق چۈشۈرۈۋىتىدىغان توققۇز خىل يامان ئادەت

ۋاقتى:2012-07-16 10:29مەنبە: يوللىغۇچى:گۈزەلنۇر چېكىلىشى:قىتىم

1 خاپىخانلىق
قانداقلا ئىشقا يولۇقسا خاپا بولۇپ چېچىلىپ يۈرىدىغان، قاپىقىنى تۈرىۋالىدىغان ئاياللارغا ئاسان قورۇق چۈشۈپ كېتىدۇ. كۈلكە ئادەمنىڭ ئۆمرىنى ئۇزارتىدۇ
2.    كېچىچە تورغا چىقىش
كەچتە ئۇخلىماسلىق ئەسلىدىنلا ئاياللار ئۈچۈن چەكلىنىدىغان بىر چوڭ ئىش، تورغا چىقىش بولسا گەپ-سۆزسىز تېخىمۇ چەكلىنىدۇ، كومپىيوتېرنىڭ رادىئاكسىيىسى تېرىمىزگە ناھايىتى زىيانلىق، ئادەمنى ئاسانلا قېرىۋىتىدۇ. شۇڭا كەلگۈسىدىكى ئۆزىڭىز ئۈچۈن بۇرۇنراق ئۇخلاڭ www.iz.la

3.    دائىم ئاپتاپقا قاقلىنىش
نۇرغۇن خانىلار ئاپتاپقا قاقلىنىشنى ياخشى كۆرىدۇ، بولۇپمۇ قىش پەسلىدە. ئەمما قىش پەسلى بولغانلىقى ئۈچۈن ئاپتاپتىن ساقلىنىشقا سەل قارىماڭ، ئاپتاپتىن ساقلىنىش مېيىنى ھەرۋاقىت سۈرىشىڭىز كېرەك
4.    ھاراق ئىچىش، تاماكا چېكىش
قىزىل ھاراقتىن ئازراق ئىچىپ قويسىڭىز بولىدۇ، ئەمما كۆپ ئىچىپ قويغاندا سالامەتلىككە زىيان يەتكۈزىدۇ، ھاراق ئىچكەندە تېرىنىڭ سۇ تەركىبى ئازلاپ كېتىدۇ، تاماكا چېكىش بولسا سالامەتلىككە زىيانلىق بولۇپلا قالماستىن يەنە قېرىشنىڭ تېزلىتىدۇ.
5.    چىراي ئىپادىسىنى زىيادە ئاشۇرۋېتىش

مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق


ھەددىدىن ئاشقان چىراي ئىپادىسى قورۇقلارنى چوڭقۇرلاشتۇرىۋىتىدۇ، شۇڭا ھەممە ئىشلارنىڭ لايىقىدا بولغىنى ياخشى.
6.    ھەرىكەت قىلماسلىق
ھەرىكەت قىلىش سالامەتلىككە پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن يەنە ھەرىكەت داۋامىدا كۆپ مىقداردا تەر چىقىدىغان بولغانلىقتىن تېرىنىڭ ساغلام بولغان تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاپ قېرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
7.    گىرىمنى يۇيۇشتا بىپەرۋالىق قىلىش
نۇرغۇن قىزلار گىرىم قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئەڭ گۈزەل ھالىتىنى باشقىلارغا نامايان قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئەمما ئۇنۇتماڭكى، گىرىمنى يۇيۇشتا بەكلا ئەستايىدىل بولۇڭ. بۇنىڭدا پەقەت يۈز يۇيۇش سۇيۇقلۇقى ياكى گىرىم يۇيۇش مېيى ئىشلەتسىڭىزلا كۇپايە قىلمايدۇ، يەنە قەرەللىك ھالدا تېرىڭىزنى تازىلاپ تۇرىشىڭىز كېرەك.

www.iz.la


8.    كۆكتات ۋە مېۋە-چېۋە يىمەسلىك
ئاچچىق نەرسىلەرنى يېيىشكە ئامراق خانىملار بۇ خىلدىكى غىدىقلاش خاراكتېرىدىكى يېمەكلىكلەرنىڭ تېرىگە قانچىلىك زىيانلىق ئىكەنلىكىنى ئويلىشىپ باقتىڭلارمۇ؟ شۇڭا گۈزەل بولاي دېسىڭىز ئاچچىق يېمەكلىكلەرنى، كۈچلۈك غىدىقلىغۇچى يېمەكلىكلەرنى ئازراق يەپ، مېۋە-چېۋە، كۆكتاتلارنى كۆپرەك يەڭ، يېمەكلىك تاللىماڭ.
9.    ئەخلەت تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى يېيىش
ئەڭ يېڭى تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئەخلەت تۈرىدىكىلەر يېمەكلىكلەرنى يېگەندە يۈزىگە ئاسانلا دانىخورەك چىقىپ قالىدىكەن. شۇڭا بۇنداق يېمەكلىكلەرنى ئەڭ ياخشىسى يېمەڭ

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن


ئىز تورى بەك ياخشى

ياخشىكەن
(17)
94.4%
ئالقىشلايمەن
(1)
5.6%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس