كەتتى قىزچاق سۆيگىنىدىن دىل ئۈزۈپ،
قالدى يىگىت <<تاش يۈرەك >>دەپ پىچىرلاپ.
چاقتى يىگىت <<سۆزى>>سەۋرقاچامنى
مايسىرىغان يارىياردەك غىچىرلاپ......
1
توۋا دىدىم ياقا چىشلەپ سۈكۈتتە ،
قاتتىق بولغان شۇنچە گۇناھ _ يامانمۇ ؟
نىمە قىلدى تاش مۇھەببەت رىشتىگە،
<<بۇغداي تىرىپ ئالالمىسا سامانمۇ>>؟ بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
تۇرغىنىمدا تەئەججۈپتەشۇ مەھەل ،
يۈرىكىمگە سىغدۇرالماي ئازاپنى .
تۇپراق تامان كەلدى ياڭراق بىر سادا،
ھەيران بولما مەن بىرەي دەپ جاۋاپنى .
تاشمۇ ئەسلى ئۇنداق قاتتىق ئەمەستى،
ئىدى مامۇق كەبى يۇمشاق بىر جىسىم .
يۈرگۈزمەيتتى باشقا شەيئى ئۈستىدىن ،
زۇلۇم ،ئازاپ ،چىدىغۇسىز يا بىسىم .
ئۇ چاغلاردا قەد كۆتۈرگەن بىنانىڭ ،
ئۆمرى قىسقا ئىدى ئۇزۇن بارمايتى .
سۇنى باشلاش ئۆز نىشانغا بەك قىين ،
بولغاچ مايسا ۋىسالىغا قانمايتتى.
ياڭاق ،ئۆكچە چىقىشتىن سۆز ئاچمىغىن،
ئۇلار پەقەت بىر -بىرىنى چاقاتتى .
بۇغداي ،قوناق يۇمشىتىشتا ئامالسىز ،
جىمى ئادەم ئۇيان -بۇيان چاپاتتى .....
2
تەڭقىسلىققا چىدىيالماي بىر كىچە،
تاش تەڭرىگە دۇئا قىلىپ يىلىندى.
سەھەر ۋاقتى بىر ھىكمەتنىڭ بەھرىدە،
تاش بەدىنى قىتىشقاندەك بىلىندى. ئىز تورى www.iz.la
3
قۇياش كۈلۈپ يۈز ئاچقاندا جاھانغا ،
جىمى تاشلار قاتتىق بولۇپ تىرىلدى.
شۇندىن بىرى ئاسانلىشىپ مۈشكۇلات،
كائىناتقا تاش تۆھپىسى يىيىلدى.
خاتىمە
قانداق گەپ ئۇ دىلنى ئۈزسە مەشۇقى،
تاشنى گۇناھ زەنجىرىگەچاتقىنى.
سەۋەنلىكمۇ ئھتىياجغا ماسلىشىپ،
چاچقۇنلىقتىن ئۇيۇشقىنى قاتقىنى؟!
بىز ئۇچراشقان ئاشۇ دەقىقە
بىز ئۇچراشقان ئاشۇ دەقىقە،
پورەك ئاچتى زىمىستاندا گۈل.
بەخىت قۇشى قوندى باشلارغا،
يالقۇنجىدى ئۆچۈپ قالغان گۈل.
بىز ئۇچراشقان ئاشۇ دەقىقە،
چۆچەك ياغدى قارنىڭ ئورنىغا.
شەھرىيارنىڭ ئامىتى كىلىپ،
ئوۋ ئالدۇردى ھەتتا تۇرنىدا. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
بىز ئۇچراشقان ئاشۇ دەقىقە،
تۈندى ئەمەس كۈندۈز چىقتى ئاي.
باغى ئىرەم كۆردى ئۆمرىدە،
بۇلبۇل كۈيى ياڭرىمىغان ساي.
بىز ئۇچراشقان ئاشۇ دەقىقە،
گاچا ئيتتى<<ناۋا>>نى جۇشقۇن.
مەشرىپىگە چۈشتى سەبىلەر،
چاراقلىدى كۆزلەردە ئۇچقۇن . بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
بىز ئۇچراشقان ئاشۇ دەقىقە،
جىمى ئاشىق ۋىسالغا يەتتى.
بەخىت ئۈچۈن بەردۇق سەدىقە،
ئايرىلىشقا خاتىمە كەتتى......... ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!