ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>مەدەنىيەت>سەنئەتكارلار>

ئادەم بەدىنىدىكى ئېچىلمىغان ئون چوڭ سىر

ۋاقتى:2012-05-12 11:21مەنبە: تەھىرىر:رىشتە چېكىلىشى:قىتىم
  

  بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

ئادەم نېمىشقا چۈش كۆرىدۇ؟ بىز نېمە ئۈچۈن يات جىنىسلىقلار بىلەن سۈيۈشۈشنى ياخشى كۆرىمىز؟ نېمىشقا ئادەم بىر ئىشتىن ئوڭايسىزلانغاندا يۈزى قىزىرىپ كېتىدۇ؟ نېمىشقا پەقەت ئادەملەردىلا بالاغەت دەۋرى بولىدۇ؟ قارىماققا ئاددى بۇ سۇئاللارنىڭ جاۋابىنى بەلكىم سىزمۇ بىلمەيسىز. ئالىملارنىڭ تەتقىقاتى بىزنى كەڭ تەبىئەت دۇنياسىنى بىلىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلدى، بىراق ئىنسانلارنىڭ ئۆزىدىكى بۇ ئاددى ئىشلارنى ئۇلار ئويلاپمۇ يېتەلمىگەن. ئەنگىلىيەدىكى «يېڭى ئالىملار» ژۇرنىلىنىڭ بۇ قېتىملىق يېڭى سانىدا ئىنسانلارنىڭ ئۆزى ھەققىدىكى يشىلمىگەن ئون چوڭ سىرنى ئوتتۇرغا قويدى. شۇنى بايقايسىزكى، ئۇلار ئوتتۇرغا قويغان بۇ ئون چوڭ سىر بىز رېئال تۇرمۇشىمىزدىكى ئەڭ تونۇش ئىشلار بولۇپ، بارلىق ئىنسانلارنىڭ بەدىنى ۋە تۇرمۇشىغا ئورتاق. ئالىملار ئوتتۇرغا قويغان ئون چوڭ سىر تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت: www.iz.la
1. چۈش كۆرۈش: چۈش كۆرۈش داڭلىق پىسخولوگ فرويىتنىڭ تەلىماتى بويىچە يۇشۇرۇن ئېڭىمىزدا ساقلىنىپ قالغان، ئادەتتە ئىپادىلەپ چىقشىقا ئامالسىز بولغان بىر قىسىم تەلپۈنۈشلىرىمىزنىڭ تىپىپ چىقشىى بولۇپ، چۈش كۆرۈش بىزنىڭ كەيپىياتىمىزنى تەڭشەشتىكى ئۈنۈملۈك ۋاستىدىن ئىبارەت. بىراق نېمىشقا بەزىدە ئاجايىپ چۈشلەرنى كۆرىمىز ئەمما ئۇنىڭغا مۇۋاپىق بولغان تەبىر بېرەلمەيمىز؟ نېمە ئۈچۈن؟
2. يۈزى قىزىرىش: دارۋىن ئەينى يىللىرى ئىنسانلارنىڭ تەدىرىجى تەرەققىيات نەزىرىسىيىسنى ئوتتۇرغا قويغاندىمۇ، نېمە ئۈچۈن ئىنسانلارنىڭ تەدىرىجى ئۆزگىرىش جەريانىدا بىر ئىشتىن خىجىل بولسا يۈزى قىزىرىدىغان بولۇپ قالغانلىقىنىڭ سىرىنى يېزىپ بېرەلمىگەن. ئادەملەردىكى نۇرغۇن فىزىئولوگىيىلىك ئادەتلەرنىڭ بەدەنگە نىسبەتەن ئۆز قىممىتى بولسىمۇ بىراق يۈز قىزىرىشتىن ئىبارەت بۇ ئىش ئادەملەرنى ھەر خىل سورۇندا تولىمۇ ئوڭايسىزلاندۇرىدۇ، بولۇپمۇ ئەرلەرنى شۇنداق. قىسمەن ئالىملار يۈزى قىزىرىشنى ئىشەنچنىڭ ئىپادىسى دەپ قاراپ، يۈزى قىزارغان ئادەمنىڭ راس ياكى يالغان سۆزلىگەنلىكىنى بايقاشقا بولىدۇ دەپ قارىغان. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
3. كۈلۈش: كۈلگەندە بەدىنىمىز يەڭگىللەپ، كەيپىياتىمىز تولىمۇ راھەت بولۇپ قالىدۇ. بىراق ئالىملار 10 يىلغا يېقىن تەتقىق قىلىشى ئارقىلىقمۇ كۈلۈشنىڭ ماھىيەتلىك سىرىنى يېشەلمىگەن.

ئىز تورى www.iz.la

خەتكۈچلەر:
( ئالاھىدە ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالىنىڭ ھوقۇقى گە تەۋە )
ياخشىكەن
(19)
48.7%
ئالقىشلايمەن
(20)
51.3%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • مۇقام تۆھپىكارى ھۈسەنجان جامى

    ئابلىز رېھىم ئەركال ھۈسەنجان جامى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر مۇزىكىچىلىقىنىڭ پېشۋالىرىنىڭ بىرى ، ئەل سۆيگەن يېتۈك ،تەمبۇر چېلىش ئۇستازى. دۆلەتلىك بىرىنچى دەرىجىلىك كومپوزىتور،ھۈسەنجان جامى 1930يىلى غۇلجىدا سازەندەئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن . ئىلى ئىتتىپاق تىياتى...

  • ئابدۇغېنى ئابدۇرەھىم گۈزەل سەنئەت كۆرگەزمسى

    ئابدۇغېنى ئابدۇرەھىم گۈزە ل سەنئەت كۆرگەزمسى 2011-يىلى 1- ئاينىڭ 4-كۈنى قەشقەر پىداگوگىكا ئېنىستىتۇتى يېڭى كۈتۇپخانا زالىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ ،كەڭ خەلىق ئاممىسنىڭ ئىچىلىش مۇراسىمغا قاتىنىشپ بىرشىنى تەكلىپ قىلمىز. رەسىسامنىڭ قسقىچە تەرجىمھالى ئابدۇغېنى ئابدۇرەھى...

  • نىجات ھوشۇر، دىلمۇرات ئابدۇقادىر رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىلىدۇ!

    شىنجاڭ بالىلار پىداگوكىكا مەكىتىۋى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقى، شۇنداقلا 9 -ئايدىكى 26-قارارلىق ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىنى قۇتلۇقلاش ئۈچۈن نىجات ھوشۇر، دىلمۇرات ئابدۇقادىر ئىككەيلەننىڭ بىر قىتىملىق رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىلىدۇ. ئورنى: ئۈرۈمچى شەھىرى شەرىقى غەرىپ...

  • مەخمۇت سۇلايماننىڭ تەرجىمھالى

    مەخمۇت سۇلايمان 1968 - يىلى قەشقەر شەھىرىدە تۇغۇلغان،1981 - يىلى شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ ئۇسسۇل كەسپىدە ئوقۇغان، 1985 - يىلى مەكتەپ پۈتتۈرۈپ قەشقەر سەنئەت ئۆمەكتە ئۇسسۇلچى بولۇپ ئىشلىگەن . ئۇ سەنئەت ئۆمەكتە ئۇسسۇلچى بولۇپ ئىشلىگەچ ،ناخشا - مۇزىكا ئىجا...

  • نىياز كىرىم شەرقىي

    نىياز كېرىم شەرقىي 1948-يىلى 10-ئايدا تۇرپان شەھىرىدە تۇغۇلغان. شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىنى پۈتتۈرگەن. ھازىر جۇڭگۇ خەتتاتلار جەمىئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى ھەمدە جۇڭگۇ خەتتاتلار جەمئىيىتى تەھرىرلىك، نەشىر قىلىش كومىتېتىنىڭ ھەيئىتى . جۇڭگۇ تارىخ موزىيى گۈزەل سەنئەت گ...

  • ئابدۇكېرىم نەسىردىن

    ئابدۇكېرىم نەسىردىن __ ئەر ، ئۇيغۇر ، 1947-يىلى 2-ئايدا ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان . كومپارتىيە ئەزاسى ، دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك رەسسام (پروفېسسور) ، ماي بوياق رەسىم ۋە تام رەسىم ئۇستىسى . 1963-يىلى مەركىزىي مىللەتلەر ئىنىستىتۇتى سەنئەت فاكۇلتېتى گۈزەل-سەنئەت كافېدر...

  • خەتتات قۇربانجان روزى شەيدائى

    قۇربانجان روزىشەيدائى 1969- يىلى 3- ئايدا قەشقەر شەھىرىدە تۇغۇلغان. 1987- يىلىدىن باشلاپ خەتتاتلىق ئىجادىيىتىگە قەدەم قويغان. ئۇنىڭ خەتتاتلىق ئەسەرلىرى ئاپتونوم رايۇندىكى گېزىت -ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنىش بىلەن بىرگە ئاپتونوم رايۇنىمىزدا ئۆتگۈزۈلگەن خەتتات...

  • مەشۇقىنىڭ جامالىغا يەتكەن ئاشىق

    — ئاتاقلىق خەتتات ۋە يېزىق مۇتەخەسسىسى نىياز كېرىم شەرقى توغرىسىدا ئۆركەش جاپپار      شەرقىنىڭ بۈگۈن ھۆسنخەت يېزىش ئويى يوق ئىدى. 50 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر خەتتاتلىق سەنئىتىگە سەۋدايىلارچە ئاشىق بولۇپ كەلگەن بۇ پېشقەدەم خەتتات بۈگۈنكىدەك سورۇندا خەت يېزىپ يۈ...

  • ئاتاقلىق تىياتىر ئارتىسى ماھمۇت ھامۇت

         ماھمۇت ھامۇت 1946 – يىلى قەشقەر شەھىرىدە تۇغۇلغان . 1967 – يىلى مەركىزىي تىياتىر ئىنىستىتۇتىنى پۈتتۈرۈپ ، شىنجاڭ ئوپېرا ئۆمىكىگە تەقسىم قىلىنغان . 1977 – يىلىدىن 1979 – يىلىغىچە مەركىزىي ئوپېرا ئۆمىكى ، مەركىزىي تىياتىر ئىنىستىتۇتىدا تىياتىر ، ئوپېرا...