app دېتالى
ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>مەدەنىيەت>سەنئەتكارلار>

[سەنئەتكار] خالمۇرات ئۆمەر

ۋاقتى:2010-12-01 14:25مەنبە:نامەلۇم يوللىغۇچى:قەيسەر چېكىلىشى:قىتىم

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

ئىسىم فامىلىسى: خالمۇرات ئۆمەر
تۇغۇلغان ۋاقتى: 1969-يىلى
تۇغۇلغان جاي: غۇلجا جاغىستاي
ئېكرانغا تۇنجى چىققان ۋاقتى: 1994-يىلى*تۇنجى ئېكران ئوبرازى: چوڭ ئەيسا
قان گۇرۇپپىسى: AB
بوي ئېگىزلىكى: 1.81مېتىر
مۆچىلى : توخۇ
بالىلارنىڭ نەچچىنچىسى: بالىلارنىڭ ئەڭ كىچىكى
ئەڭ ھۆرمەت قىلىدىغان كىشى: ئاپا
ئۆزىگە ياقىدىغان پەسىل: قىش پەسلى
ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان گۈل: قىزىلگۈل
ئەڭ ياقتۇرىدىغان رەڭ: كۆك، ھاۋا رەڭ
ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان كىنو فىلىمى: «قەيسەر يۈرەك»، «ئۇرۇش ۋە ئەسلىمىلەر»
ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئەر چولپىنى: مىل گېپسون،

copyright by www.iz.la

(قەيسەر يۈرەك فىلىمىگە باش رول ئېلىپ چىققان) ئەڭ ياقتۇرۇپ ئوقۇغان كىتابى: «ئانا يۇرت»
ئەڭ رازى بولغان ئېكران ئوبرازى: ئوسمان داڭگال، ئالىمجان
ھاياتىدىكى ئەڭ خوشاللىقى: ئوقۇشقا چاقىرىق كەلگەن كۈنى
ئۆمرىدىكى ئەڭ ئۆكۈنىدىغان ئىشى: ئاپىسىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقى
ئۆزىنىڭ سەنئەت ئەقىدىسى: ئۇيغۇر تىياتىرچىلىقىنى گۈللەندۈرۈش
ئىشتىن سىرتقى ھەۋىسى: مۇزىكا چېلىش
تاماشىبىنلىرىغا دەيدىغان سۆزى: خەلقىمنىڭ تەكلىپ - پىكىر ۋە تەنقىدىي پىكىر بېرىشىنى خالايمەن.
ئەڭ ھۆرمەت قىلىدىغان يازغۇچى: ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، زوردۇن سابىر, ،
ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان سەنئەتكار: ماھىرە زاكىر، مۇساجان روزى، مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان مۇزىكا: خەلق ئاھاڭلىرى،
ئەڭ چوڭ ئارزۇسى: مىللەت ئۈچۈن ياراملىق سەنئەتكار بولۇش،

ئىز تورى www.iz.la

خاراكتېرى: خۇشچاقچاق، چېقىشقاق*
مىجەزى: چۇس، كەسىن،
جۆرىسى: گۈلنۇر،
جۆرىسىنىڭ كەسپى: نېفىت ئىشچىسى
شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىنىڭ گۈلدەستە پروگراممىسىدا ھاراقكەش « چوڭ ئەيسا » نىڭ ئوبرازىنى چىن ھېسسىيات ، يۇمۇرلۇق خاراكتېر ، ئىخچام، ئاممىباب ھەم قىزىقارلىق تىل ۋە ھەرىكەتلەر بىلەن ئورۇنداپ ، خەلققە تونۇلغان خالمۇرات ئۆمەردۇر. ئۇ 1969 - يىلى 31 - يانۋار ، چاپچال ناھىيىسىنىڭ جاغىستاي يېزىسىدا بىر سەنئەتكار ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن . 1991- يىلى شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ تىياتىر فاكۇلتېتىغا قوبۇل قىلىندى . 1995- يىلى مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن تاماملاپ، شىنجاڭ ئوپېرا ئۆمىكىگە تەقسىم قىلىندى. ئۇزاق ئۆتمەي ئۆمەك تەييارلىغان چوڭ تىپتىكى ئوپېرا « گۈلەمخان » دىكى باش پېرسوناژ ئەختەمنىڭ رولىنى ئىلىش ئۇنىڭ زىممىسىگە يۈكلەندى. خالمۇرات ئىلى دىيارىدا ياشاپ ئۆتكەن بۇ تارىخى شەخسنىڭ رولىنى ناھايىتى چىن، تەسىرلىك ئويناپ چىقتى. بۇ ئوپېرا ئۈرۈمچى ۋە بېيجىڭلاردا ئوينىلىپ، زىلزىلە پەيدا قىلدى . بۇ ئوپېرا مەملىكەتلىك جۇڭخۇا مەدەنىيەت مۇكاپاتى، بەش بىر قۇرۇلۇش مۇكاپاتى ۋە ئالتۇن توز مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. 1998 - يىلى ئىشلەنگەن « قىرلىق ئىستاكان » ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا ئۇ ئوسمان داڭگالنىڭ ئوبرازىنى ئىلىپ چىقىپ ، زور داغدۇغا قوزغىدى . ھەمدە خەلقنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشتى . 1999- يىلى 10- ئايدا ئۇ « ئالىمجان بولۇمسىزمۇ؟» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا ئالىمجاننىڭ رولىنى ئىلىپ چىقتى . بۇ رولنى ئىلىپ چىقىپ ، بىراقلا ھەممە ساھەنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىپ ، تېلېۋىزىيە تىياتىرچىلىقىدا ، ئۆچمەس بىرى بەدىئىي ئوبرازنى بارلىققا كەلتۈردى ھەم گىگانېت چولپانغا ئايلاندى . ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ رول ئىلىش ۋە ئوبراز يارىتىشتىكى تىرىشچانلىقى بىلەن « چىن سۆيگۈ « ، « ساراڭ »، « چار خوراز» ، « بۇ كىشىنى تونۇمسىز؟ » قاتارلىق تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىدا رول ئىلىپ ، چىقىپ ئۇيغۇر تىياتىرچىلىقىدا كىشىلەر قەلبىدە ئاجايىپ بىر ئۇنتۇلماس ئوبرازلارنى ياراتتى .

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

                                                                                                                                                           مەنبە~رىتىم مۇنبىرى بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

ياخشىكەن
(52)
92.9%
ئالقىشلايمەن
(4)
7.1%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس