بەلىكى نۇرغۇن ياشلار < نېمە كارىڭ ، بۇ بىزنىڭ ئەركىنلىكىمىز > دېيىشى مومكىن . بىراق ھەر بىر قىز ئۆزىڭگىلا ۋەكىلكلىك قىلمايدۇ ، ئۇ كەلگۈسىدىكى ئانا . ئەگەر ئۇنىڭ روھىي دۇنياسىدا تۇترۇقىسز ئەقىدە ، ئېتىقاد ئۈستۈنلۈكىنى ئىگىلىسە ، بىزنىڭ ھايالىق ، نومۇسچان ئانىلىرمىزنىڭ ۋۇجۇدىدىكى گۈزەل ئەخلاق ، لاتاپەت . شىجائەت ، ساداقەت ، مەدىنيەت ۋە ئۆرپ -ئادىتىمىزىدكى ئەڭ نازۇك ، ئەڭ ئۆزگىچە تەرەپلەر كىمىنىڭ جىسىمىدا ، روھى يدۇنياسىدا ،ىراسخۇرلۇق ئورنىنى تاپىدي ؟ www.iz.la
قىزلار ئۆز قىممىتىڭلارنى ئۆزەڭلار يارتالايىسىلەر ۋە ئۆزەڭلار نابۇت قېلىۋېتەلەيسىلەر ، سىلەر ئەقلىڭلارنى ،ئىرادەڭلەرنى ھېسىسياتىڭلارنىڭ قۇلىغا ئايلاندۇرۇپ قويماڭلار ! ئەلۋەتتە ، مۇھەببەت مۇقەددەس . بىراق ئۇنى خەلقى -ئالەم ئالدىدا ناشايان قىلىلار بىلەن نامايان قىلىش زىيادە ھاياسىزلىقتۇر !
ھەر قاندا ق نەرسە ئۆز گىچىلىكى بىلەن باشقىلاردىن پەرىقلىنىدۇ . ئۇيغۇر قىزلىرنىڭ ۋۇجۇدۇدىكى ئەڭ رۇشەن ئۆزگىچىلىك شەرمى -ھايا ، ئەخلاق ، دىيانەت ، ئەقىدە ، ئېتقاد سۇسلىشىپ ئەبجەشلىشىپ كەتسە ، ئەرلىرىمىز ، ئوغۇللىرمىز بىزدىن ھېيىقمايدۇ ، بىزنى ئۇلۇغلىمايدۇ ، خالىغانچە ئوينىسا بولىدىغان ئويۇنچۇق قاتارىدا كۆرىدۇ . بىز تەربىيلىگەن پەرزەنتىلىرمىزنىڭ ۋۇجۇدىدىن ھەققىي ساپ روھىمىزنى كۆرۈشىمىز تەسكە توختايدۇ . قىزلار ، ۋۇجۇدۇڭلاردىكى ئۇرغۇپ تۇرغان غەيرەت - شىجائىتىڭلارنى گۈزەل كەلگۈسۇڭلارنى يارتىش ئۈچۈن ئۆزەڭلارنى كۈچلۈندۈرۈشكە ، ئوتۇڭلاردا كۈيگىدەك ، بىر ئۆمۈر قەىدىرلەپ سۆيگۈدەك ، ھەققىي لاتاپەتلىك ، پاراسەتلىك ، دىيانەتلىك قىزلاردىن بولۇشقا سەرىپ قىلىڭلار . سەۋىر -تاقەتىنى مەنە ، ئورتاق غايىنى نىشان ، شەرمىي -ھايانى ھەمراھ قىلغان مۇھەببەتلا چىن ، ساپ ، مەڭگۈلۈك بولىدۇ . ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
سىلەر < ھەممىنى قىزلاردىن كۆرسە بولامدۇ ، ئەرلەرچۇ ، ھازىر قانچىنچى ئەسىر ؟ > .... دېگەندەك سوئاللارنى ياغدۇرۋېتىشىڭلار مۇمىكىن . بىراق ھەرقانداق كىشى ئاۋۋال ئۆزىنى قەدىرلىشى ، ئۆز قىممىتىنى يارتىشىنى بىلىشى كىرەك . ئۆزگىرۋاتقان ، رىقابەتكە تولغان جەمئىيەتتە تاشىقى قىياپەت گۈزەللىكنىلا تاكامۇللاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بەرسەك تولمۇ نادانلىق قىلغان بولمىز ، چۈنكى تاشىقى گۈزەللىك ۋاقىتلىق >
مەنبە : مۇرمۇشتىكى سەۋەنلىكلەرگە تەدىبىرلەردىن ئېلىنىدى .