بۇ تىكىستنىڭ ئەسلى يېزىلغان ۋاختى2009-يىل مەزمۇنى شۇ ۋاقىتتىكى مۇھەببەتلىك ھاياتىمنىڭ يۈرەكتىكى ئاچچىق ھىجران داغلىرىدىن قالغان بۇلۇپ بۈگۈن ھەر ساھەدىكى دوسلىرىمىزنىڭ كۆرۈپ بېقىشىڭلارغا سۇندۇم.
----
ھىجران بىلەن ئازاپلىق ئېيىتتم ناخشىنى،
كەلدىڭ مانا يالۋۇرۇپ ياتتىن ئاشقىنى.
سۆيگۈم بىلەن غۇرۇردا بۇلۇپ ئىختىلاپ،
قانداق قىلاي دەپ شۇڭا بېشىم قاتقىنى.
----
ئىككى تاش ئاراسىدا قالدىم قىسىلىپ،
نىمە قىلارىم بىلمەي ئىچىم سىقىلىپ.
ئويلىساملا كۆيەر دەرتتىن يۈرۈگۈم،
توزىغان گۈل چېھرىڭگە يايرىم ئېچىنىپ.
----
سۆيگۈ دېگەن ئىنسانغا ئەجەپ شېرىنكەن،
ئىز تورى www.iz.la
ئۇندىن كېچىش كىشىگە مۈشكۈل قىيىنكەن.
تاللاش كەلسە يەنىلا ئاشۇ بىباھا،
ۋىجدان غۇرۇر ئەر ئۈچۈن جاندىن مۇھىمكەن.
----
كەلمە ئەمدى ئالدامچى كۆرمىسۇن كۆزۈم،
سېنى يايرىم دىيىشكە چىدىماس يۈزۈم.
توسما ئەمدى يۇلۇمنى ئەزمە باغرىمنى،
شۇلدۇر ساڭا ئاخىرقى جاۋابىم سۆزۈم.
----
دېققەت؛ھەر ساھادىكى دوسلار سەمىگە قادىر مەمەت نامىدىكى تىكىسىتلەرنى باشقا تور بېكەتلىرىگە يۆتكەپ ئىشلىتىشكە ئاممىۋى سورۇنلاردا ناخشا قىلىپ ئوقۇشقا ئۈن-سىن بۇيۇملىرى ئارقىلىق كۆپەيتىپ تارقىتىشقا ئاشخانا رېستۇران ۋە باشقا ئاممىۋى سورۇنلارغا چاپلاشقا بىردەك رۇخسەت قىلىنمايدۇ ئەگەر تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بايقالسا ئاقىۋىتىگە شۇ كىشى ئۆزى مەسئىۇل بولىدۇ،ناخشىچىللىرىمىز بۇ تىكىسىتلەرنى ناخشا قىلىپ ئوقۇشتىن بۇرۇن ئاپتۇر بىلەن ئالاقىلىشىڭلار.
ئىز تورى www.iz.la
www.iz.la