قارايمەن ئۈمۈتتە دائىم ھاياتقا،
تاغدەك بىر جاپالار كەلسىمۇ باشقا.
ۋايسىماي قاقشىماي ياشايمەن شۇنداق،
دەۋەت قىپ ئۆزۈمنى دائىم چىداشقا.
----
ئازاپتىن ئۆزۈمگە ياسىماي قەپەس،
يىقىلغان يېرىمدىن تۇرسام دەيمەن دەس.
دەپ ھەردەم ئارزۇنى بۈيۈك مۇقەددەس،
تىكىلەر كۆزلىرىم ھەر چاغ يىراققا.
---
خىيالىم قۇشلىرى قىلىدۇ پەرۋاز،
ئارزۇيۇم دۇنيادا ئەمەس لېكىن ئاز.
زىمىستان قىشتىمۇ كۆڭلۈم باھار ياز،
لايىقمۇ كەلمەسمەن ئۆزۇم ماختاشقا.
---
كۆڭۈلدۇر دۇنيادا نازۇك ھەممىدىن،
ئارزۇمۇ ئىنسانغا مەنسۈپ ئەسلىدىن.
بىزارمەن غەيرەتسىز مەجرۇھ بەندىدىن،
مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
مەن رازى ئەمەسمەن ئۇنداق ياشاشقا. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!