app دېتالى
تەۋىسسيەلىك

زۇكام بولغاندا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك

ۋاقتى:2012-04-05 10:50مەنبە: يوللىغۇچى:گۈزەلنۇر چېكىلىشى:قىتىم

ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ

QR code
زۇكام بولغاندىن كېيىن بەدەن چېنىقتۇرۇشقا بولمايدۇ. زۇكام ۋىرۇس ياكى باكتېرىيە سەۋەبىدىن كۆرۈلىدۇ. ئادەم زۇكام بولغاندا بەدەن تېمپېراتۇرىسى ئۆرلەيدۇ، ئاق قان ھۈجەيرىسى ئېشىپ كېتىدۇ، ھۈجەيرىنىڭ يۇتۇش رولى، ئانتىتېلا ھاسىل بولۇش، جىگەر، ئۈچەينىڭ زەھەرنى قايتۇرۇش ئىقتىدارى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى كۈچىيىپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بەدەن ئىچىدىكى ماددا ئالمىشىشمۇ كۈچىيىپ، توقۇلمىنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇش ۋە ئورگانىزمنىڭ ۋىرۇسقا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىۋېتىدۇ. بۇنداق چاغدا بەدەن چېنىقتۇرغاندا، بەدەن ئىچىدە پەيدا بولىدىغان ئىسسىقلىقنى ئاشۇرۇپ، ماددا ئالمىشىش تېخىمۇ كۈچىيىدۇ، بۇ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئاشۇرۇۋېتىپ، بەدەن ئىچىدىكى تەڭشەش ئىقتىدارىنى بىنورماللاشتۇرۇپ، مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىنىڭ جانلىنىش دەرىجىسىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. بەدەن ئىچىدىكى ئېنېرگىيە مىقدارى زىيادە كۆپ سەرپ بولۇپ كەتسە، ئادەمنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىدۇ ھەم ئوكسىگېننىڭ سەرپىياتىنى زور مىقداردا ئاشۇرۇپ، ئۆپكىنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇپ، جىددىي خاراكتېرلىك يۈرەك، ئۆپكە ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. زۇكام بولۇپ ئايروپىلانغا ئولتۇرغاندا قۇلاقنى ئاسراش كېرەك. زۇكام بولغاندا بۇرۇن ۋە يۇتقۇنچاق، يۇتقۇنچاق – بارابان پەردە قانىلىدا كېسەل ئۆزگىرىشى بولغانلىقتىن، ھاۋا ئوتتۇرا قۇلاق بوشلۇقىغا كىرەلمەي، ئاۋىياتسىيە خاراكتېرلىك ئوتتۇرا قۇلاق يەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا، زۇكام بولغانلارنىڭ بۇرنى توسۇلۇش، ئېقىپ قېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. بۇنداق ئەھۋال ئېغىرراق بولسا، ياخشىسى، ئايروپىلانغا ئولتۇرماسلىق لازىم. بۇنداق چاغدا ئايروپىلانغا ئولتۇرۇش زۆرۈر بولۇپ قالسا، تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىش كېرەك: بىرىنچى، ئايروپىلانغا چىقىشتىن بۇرۇن بۇرۇننى پاكىز تازىلاش ھەم بۇرۇنغا تېمىتىش سۇيۇقلۇقى(ئېفىدرىن)نى ئىشلىتىپ، بۇرۇن بوشلۇقى ۋە بۇرۇن، يۇتقۇنچاق قىسمىدىكى شىلىمشىق پەردە قان تومۇرىنى يىغىپ، ھاۋا ئۆتۈشۈش ئەھۋالىنى ياخشىلاش لازىم. ئىككىنچى، ئايروپىلان قوزغالغان ۋە قونىدىغان چاغدا يۇتۇش ھەرىكىتىنى قىلىش لازىم.
ئىز تورى www.iz.la

    زۇكام بولغاندا يوشۇرۇن شەكىللىك كۆزەينەك تاقىماسلىق كېرەك. زۇكام بولغانلاردا دائىم يېنىك دەرىجىدىكى كۆرۈش پەردىسى يەللىكى پەيدا بولىدۇ، يوشۇرۇن شەكىللىك كۆزەينەك تاقىغاندا يەللىكنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، نۇرغۇن زۇكامغا تاقابىل تۇرۇش، يۆتەلنى، ئاغرىقنى توختىتىش دورىلىرىدا كۆز يېشىنى توسۇش تەركىبى بار بولۇپ، ئۇ يوشۇرۇن شەكىللىك كۆزەينەكنى قۇرغاقلاشتۇرۇپ، ئېنىقلىق دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىپ، كۆرۈش قۇۋۋىتىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ
ياخشىكەن
(3)
100%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس