
ئەنگلىيە ‹‹كۈندىلىك پوچتا گېزىتى››نىڭ 30-مارتتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيەنىڭ ساموئوستىكى بىر جۈپ ئەر-خوتۇن ئۆيىدىكى 56 ئەرمەك ئىتقا يېتەرلىك ئوزۇقلۇق ۋە پاكىز تۇرمۇش مۇھىتى ھازىرلاپ بېرەلمىگەچكە، سوتقا تارتىلىپ، ئەيىبلەندى.
ئىز تورى www.iz.la
ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئەر–خوتۇن ئارقا ھويلىسىغا ئاددىي بىر قورشاۋ تام قوپۇرۇپ، 56 ئىت باققان، ئىتلارنىڭ دائىم قورسىقى تويمىغاچقا توختىماي قاتتىق قاۋشىغان، يەنە كېلىپ بۇ يەر بەك مەينەت بولغاچقا، بۇ قوشنىلارنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقى قوزغىغاچقا، قوشنىلىرى دېلو مەلۇم قىلغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار سوت مەھكىمىسىنىڭ توققۇز تۈرلۈك ئەيبنامىسىنى تاپشۇرۇپ ئالغان. بۇ ئىتلاردىن باشقا، بۇ ئەر-خوتۇننىڭ ئۆيىدە يەنە ئۇلار بېقىۋاتقان ئالتە قۇش، ئۈچ مۈشۈك ۋە تۆت دانە جەنۇبىي ئامېرىكا تىيىنى بار ئىكەن. ئىز تورى بەك ياخشى