ھايات مانامۇشۇنداق قىسقا بولدىكەن.يىنىڭىزدايۈرگەن دوستلىرىڭىز،قىرىنداشلىرىڭىز،يىقىن ئادەملىرىڭىزتۇيۇقسىزلابۇدۇنيابىلەن خوشلىشىپ ئۇدۇنياغاسەپەرقىلىدىكەن سىزيەنىلاياشايدىكەنسىز.مانابۇھايات قانۇنىيىتى .مەن ئاشۇ بەخىتسىزلەرئارسىىدىكى بىربەخىتسىز.مەن يىقىن ئادىمىمدىن تۇيۇقسىزلائايرىلدىم،ئەجەل ئۇنى مىنىڭ قىشىمدىن مەڭگۈلۈككە ئىلىپ كەتتى.ئۇتېخى 19ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان بۇلۇپ زورئارزۇئۇمۇدلەربىلەن ئالى بىلىم يۇرۇتلىرىدابىلىم ئىلىشقاتەييارلىنىۋاتقان بىرياش ئىدى،بىراق ۋاقىتسىز كەلگەن ئەجەل ئۇنى بۇدۇنيادىن رەھىمسىزلەرچە ئىلىپ كەتتى. ئۇھاياتنىڭ خۇشال مىنۇت،خوشال دەقىقىلىرىدە ۋىلىقلاپ كۇلەلمىدى.تۇرمۇشنىڭ گۇزەل مىنۇت گۈزال دەقىقىىلىرىدىن،ئائىلىنىڭ ئىللىقلىرىدىن بەھر ئىلىىشقا ئۈلگۈرەلمىدى. بىزنى چوڭقۇرئازاپقا تاشلاپ جىمجىتلا كەتتى. ئۇنىڭ سىماسى ھەر مىنۇت ھەردەقىقە كۆزئالدىمدىن كەتمەيدۇ.ئۇنى ئويلايمەن، ياش تۆكىمەن.بىراق ئۇقايتىپ كەلمەيدۇ.ئۇنىڭ قايتىپ كەلمەيدىغىنى بىر ھەقىقەت بولسىمۇ بۇنى دەماللىققا قوبۇل قىلالمايۋاتاتتىم. ئۇنى بىچارىلەرچە داۋاملىق كۈتەتتىم. مانا بۈگۈنمۇ تاڭ سەھەردە كونا جايغا كىلىپ ئۇنى كۈتتۈم.ۋقىت ئاستا-ئاستائۆتمەكتە،ئۇنىڭغا بولغان سېغىنىشىم بارغانچەكۈچەيمەكتە .ئەتراپنى گۇگۇم پەردىسى قاپلىدى،مەن يەنىلا ئۇنى كۈتەتتىم.خۇددى ئۇھازىرلا كۆزئالدىمدا پەيدا كۈلۈپ تۇرۇپ؛
copyright by www.iz.la _قانداق مەن بولمىسام بولمامدىكەن،مەن سىزنى سىناش ئۈچۈن شۇندق قىلغان،-دەيدىغاندەكلا كۈندە كىلىپ ئۇنى ساقلايتتىم.دوستلىرىم نەچچە رەت؛
_زۇمرەت بولدى قىل،ئۇ ئەمدى قايتىپ كەلمەيدۇ،مەڭگۈگە قايتىپ كەلمەيدۇ،بۇبىرئىاللىق،بۇنى قوبۇل قىل،-دىگنىچەمىنى قۇچاقلاپ ئۆكسۈپ يىغلاپ كىتەتتى،بىراق مىنىڭ بۇنىڭغاپەقەتلا ئىشەنگىم كەلمەيتتى.ئۇلارغاجاۋابەن؛
_سىلەر نىمە دەۋاتسىلەر،سەردار چوقۇم قايتىپ كىلىدۇ ،ئۇماڭا ۋەدەبەرگەن،ئۇچوقۇم ۋەدىسىگەئەمەل قىلىدۇ.-دەيتتىم يۇ كۆز ياشلىرىمنى توختىتالمايتتىم ئۇنىڭ بۇدۇنيا بىلەن خوشلىشىپ مىنى يەككە- يىگانەتاشلاپ كەتكىنى بىررئىاللىق كۆزيۇمغىلى بولمايدىغان بىررئىاللىق ئىدى. مەن ئاشۇ كونا جايدىكى بىزدائىم ئولتۇرۇپ مۇڭدىشىدىغان،دەرىس تەكرارلايدىغان گۈزەل ئەسلىملىرى تولغان ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ بۇندىن ئىككى يىل ئىلگىركى ئككىمىزنىڭ تونۇشۇش جەريانىنى بىر-بىرلەپ كۆز ئالدىمدىن ئۆتكۈزۈشكە باشلىدىم.
خەتكۈچلەر:
