تاشلاپ كەتتى يايرىم بىۋاپا،
يۈرەكىمنى قىلىپ قان يارا.
قاراڭغۇلۇق چىرماپ روھىمنى،
رەھىمسىزدەك بىلىندى دۇنيا.
---
مىسكىن دىلنى ئۆرتىدى ئازاپ،
كەتتىم شۇڭا مەيخانا ئارلاپ.
بولسا يارنىڭ ئەگەر ۋاپاسى،
ئىچەرمىدىم ھەر كۈنى شاراپ.
---
ناخشامنى مەن شوخ ئېيتاي دېسەم،
پىراقىغا ھىجرام مۇجەسسەم.
قىلدى مېنى مەجنۇندەك ۋەيران،
بىۋاپا يار قىلغان شۇ قەسەم.
---
دېققەت؛ قادىر مەمەت نامىدىكى ھەر قانداق بىر تىكىسىتلەرنى خالىغانچە باشقا تور بېكەتلىرىگە يۆتكەپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.ئاپتۇردىن؛