ھەر بىر دۆلەتنىڭ ئۆزىگە خاس توي-تۆكۈن ئادەتلىرى بولىدۇ، ئەگەر بىز ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى توي–تۆكۈن ئادەتلىرىگە قارايدىغان بولساق، بەزىلىرىنىڭ ھەقىقەتەن بەك كۈلكىلىك، ئەقىلگە سىغمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىمىز.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

فىرانسىيە ــــ تۇخۇم رىۋايىتى
مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
فىرانسىيىدىكى بىر قىسىم كەنتلەردە مۇنداق بىر ئەنئەنىۋى ئادەت بار ئىكەن: توي كۈنى قىز ئوغرىلىقچە بىر نەچچە تۇخۇمنى ئېتىكىگە يوشۇرىۋالىدىكەن. يىگىت ھۇجرىغا كىرگەندە قىز قەستەن يىقىلىپ كېتىدىكەن-دە، تۇخۇمنى چېقىۋېتىدىكەن، بۇ ئادەت پەرزەنتلىك بولۇش ئارزۇسىدىن دېرەك بېرىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، فىرانسىيەلىكلەر تويدا ئىشلەتكەن گۈل، توي كۆڭلىكى، تاقىغان بېزەكلەرنىڭ ھەممىسىدە ئاق رەڭلىكنى تاللايدىغان بولۇپ، بۇنىڭدىن ئۇلارنىڭ ساپ، پاك مۇھەببەتكە ئىنتىلىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئىز تورى بەك ياخشى

تايلاند ـــ چوڭ دەرەخ بىلەن تويلىشىش
www.iz.la
تايلاندلىقلارنىڭ بۇددا دىنىغا بولغان ئېتىقادى خېلىلا چوڭقۇر، بۇددا دىنى ئۇلارنىڭ دۆلەت دىنى. تايلاندتا ئوغۇللار مەلۇم يېشىغا يەتكەندىن كېيىن ئاز دېگەندە ئۈچ ئاي، كۆپ دېگەندە 3~5 يىل، بەزىلىرى ھەتتا بىر ئۆمۈر راھىب بولىدىكەن، پادىشاھمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەسكەن. ئەگەر ئوغۇللار راھىب بولمىسا قۇرامىغا يەتكەن ھېسابلانمايدىكەن، بۇنداقلارنى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى كۆزگە ئىلمايلا قالماستىن، ھەتتا ئۇلارنىڭ قىز دوست تېپىشىمۇ تەسكە چۈشىدىكەن. بۇنىڭدىن تايلاندتا بۇددا دىنى تەسىرىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى بىلىۋېلىش تەس ئەمەس. بۇددا دىنىنىڭ بۇ خىل ئەقىدىلىرى ھەتتا توي مۇراسىملىرىدىمۇ ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
تايلاندنىڭ جەنۇبىدىكى بىر قىسىم رايونلاردا، دائىم دېگۈدەك نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ داقا-دۇمباق چېلىپ، ناخشا-ئۇسسۇل ساداسى ئىچىدە بىر دەرەخنى ئورىۋالغانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئېلىپ بېرىلىۋاتقىنى ئوغۇللارنىڭ چوڭ دەرەخ بىلەن تويلىشىش مۇراسىمىدۇر. مۇراسىم خۇددى ھەقىقىي قىز–يىگىت تويىدەك داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
دەرەخ بىلەن توي قىلغاندا، يىگىت تەرەپ ھەشەمەتلىك تويلۇقنى كۈمۈشتىن ياسالغان پەتنۇسلارغا سالىدۇ. توي مۇراسىمى باشلىنىشتىن بۇرۇن، كۈيئوغۇل پۇزۇر كىيىنىپ، چىرايلىق ياساندۇرۇلغان كىچىك قىزلارنىڭ ھەمراھلىقىدا دۇمباق چېلىپ، داغدۇغىلىق ھالدا چوڭلار تاللاپ بېكىتكەن چوڭ دەرەخنىڭ ئالدىغا كېلىدۇ. كىچىك قىزلار تويلۇقلارنى ‹‹دەرەخ كېلىنچەك››نىڭ ئالدىغا تىزىپ بولغاندىن كېيىن، ئاقساقاللار توينىڭ رەسمىي باشلانغانلىقىنى جاكارلايدۇ. بۇ ۋاقىتتا، كۈيئوغۇل بىر تال شامنى ياندۇرۇپ، بۇت تەكچىسىنىڭ يېنىغا سانچىيدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئاقساقال نىكاھ ئوقۇيدۇ. ئارقىدىنلا، كۈيئوغۇلنىڭ دادىسى گۈل، سىپارى ھەم بىر قانچە تال كۈمۈش تەڭگىنى بۇت تەكچىسىدىكى ياستۇقنىڭ ئىچىگە سېلىپ، كەنتتىكى يېشى ئەڭ چوڭ ئايالغا ‹‹دەرەخ كېلىنچەك››نىڭ سوۋغىسى سۈپىتىدە تەقدىم قىلىدۇ، شام ئۆچكەن ۋاقىتتا توي مۇراسىمىمۇ ئاياغلىشىدۇ. كىشىلەر خۇشال ھالدا يىگىتنى تەبرىكلىشىپ، بىللە تاماق يەيدۇ، ئاخىرىدا كۆپچىلىك بىرلىكتە ئۇسسۇلغا چۈشۈپ، كېچە قاراڭغۇلۇقى زېمىننى قاپلىغاندا قايتىشىدۇ.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
بۇ يەرنىڭ ئۆرپ-ئادىتى بويىچە، 21 ياشقا توشقان يىگىتلەرنىڭ ھەممىسى چوقۇم دەرەخ بىلەن تويلاشقاندىن كېيىن، بۇتخانىدا راھىبلىق ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىدىكەن. مۆھلەت توشۇپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن مۇھەببەتلىشىپ توي قىلىپ ئائىلە قۇرسا بولىدىكەن. يەرلىك كىشىلەرنىڭ ئەنئەنىسى بويىچە، دەل-دەرەخلەر ھاياتىي كۈچكە ۋەكىللىك قىلىدىغان بولۇپ، چوڭ دەرەخ بىلەن توي قىلغانلارنى بۇتسادۋا ئۆز پاناھىدا ساقلايدىكەن ۋە ئۇلارغا ساداقەتلىك، مۇھەببەتلىك، بەختلىك ئائىلە ئاتا قىلىدىكەن. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

ماۋرىتانىيە ــــ بودەك قىزلارنى تالىشىپ كېلىن قىلىش
www.iz.la
مۇرلار ماۋرىتانىيەدىكى ئاساسلىق مىللەت بولۇپ، ئۇلارنىڭ توي ئادىتى تېخىمۇ ئۆزگىچە.
ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
بۇ مىللەتتە بۇرۇندىن باشلاپ، قىزلارنىڭ توي ئىشىغا ئاپىسى ئىگە بولۇپ كەلگەچكە، دادىلىرى ئارىلىشالمايدىكەن. ئەگەر يىگىت بىرەر قىزنى ياقتۇرۇپ قالسا، يىگىتنىڭ ئاپىسى سوۋغا-سالاملارنى كۆتۈرۈپ قىزنىڭ ئۆيىگە ئەلچىلىككە بارىدىكەن. مۇبادا قىزنىڭ ئاپىسى قوشۇلسا، توي ئىشىنى نەق مەيداندىلا بېكىتىدىكەن.
مۇرلارنىڭ نەزىرىدە بەدىنى تولغان، بودەك، كۈچتۈڭگۈر قىزلار ھەقىقىي گۈزەللەردىن ھېسابلىنىدىكەن. چۈنكى بودەك ئاياللار ئۇلارنىڭ نەزىرىدە بايلىقنىڭ سىمۋولى ئىكەن. مۇبادا كىم ئەڭ بودەك قىزنى ئەمرىگە ئالسا، ئۇلارنىڭ توي مۇراسىمى ئادەتتىكىدىن تاشقىرى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلىدىكەن، بودەكلەرنى ئەتىۋارلايدىغان مۇرلار يول قانچە ئۇزاق، جاپالىق بولسىمۇ يېڭى كېلىننىڭ ھۆسن-جامالىنى كۆرگىلى كېلىدىكەن. تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!

مالى — كېلىنچەكنىڭ پۇت، قول، چىشلىرى قارا رەڭدە بويىلىدۇ
مالى بولسا جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ غەربىگە جايلاشقان دۆلەت بولۇپ، ئۇ جاينىڭ توي-تۆكۈن ئادىتىمۇ ئۆزگىچە بولۇپ، توي كۈنى كېلىنچەكنىڭ پۇت، قو ۋە چىشلىرى قارا رەڭدە بوياپ قويىلىدىكەن.

كۇۋەيت ـــ چېلىشىش ئارقىلىق مۇھەببەت ئىزھار قىلىش
ئىز تورى www.iz.la
يېڭى تويى بولغان قىز بىلەن يىگىت ھۇجرىغا كىرىپ، ئۆز-ئارا باش ئۇرۇپ تەزىم قىلىشىپ بولغاندىن كېيىن، يىگىت قىزنى كۈچەپ تارتىدىكەن-دە، بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ كۈچتۈڭگۈر ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدىكەن؛ كېلىنچەكمۇ قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتىدىكەن. ئېلىشىش قانچە كەسكىن بولغانسېرى، قىزنىڭ ئۆيىدىكىلىرى شۇنچە خوشال بولىدىكەن، ئەگەر يىگىت قىزنى يېڭىۋالالمىسا قاتتىق ئار–نومۇسقا قالىدىكەن.
