بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ، دۆلىتىدە جۆرە تاپالمىغان يىگىتلەر نەزىرىنى ۋيېتنام ، بىرما ۋە ھىندۇنېزىيە قىزلىرىغا ئاغدۇرماقتا . نۇرغۇن كىشىلەر چەت ئەللىك قىزلارنى يەرلىك قىزلاردەك تەكەببۇر ئەمەس ، بايلىق ۋە مەرتىۋىگە قاراپ مۇئامىلە قىلمايدۇ ، ئەكسىچە مۇلايىم ۋە پەزىلەتلىك ، دەپ بىلىدۇ .

ئىز تورى بەك ياخشى
توي ھەققىدە كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر ئىش بار بولۇپ، يەرلىك ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، سېنگاپوردىكى بىر يەرمەنكىدە ۋيېتنام كېلىنچەكلىرى سېتىلىش ئۈچۈن تىزىپ قويۇلغان.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئىز تورى www.iz.la
توي ئارقىلىق ، بىر تەرەپتىن كېلىنچەكنىڭ ئائىلىدىكىلىرىنى بېقىپ ، ۋېيتنامدىكى بىر قىسىم نامراتلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلغىلى بولسا ، يەنە بىر تەرەپتىن ، ۋېيتناملىق كېلىنچەكلەر ھەر يىلى ئۆيىگە 2000 دوللار ئەۋەتىدۇ ، بۇ پىرېۋوتقا جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان ۋيېتنامغا ياردىمى بولىدۇ.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

ھىندۇنېزىيەدە، ئاياللارنىڭ ئورنى بەك تۆۋەن، ھەتتا، قەرز قايتۇرۇش ئۈچۈن ئاياللارنى ساتىدىغان ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلىدۇ. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ھىندۇنېزىيەنىڭ نوپۇسى 1 مىليارد 200 مىليونغا يېقىنلاشقان بولۇپ ، كەلگۈسى 10 يىل ئىچىدە جۇڭگودىن ئېشىپ كېتىشى مۆلچەرلەنمەكتە . بۇ يەردە باي-نامراتلارنىڭ پەرقى بەك چوڭ بولۇپ ، نۇرغۇن چەت-ياقا جايلاردىكى ئامما ناھايىتى جاپالىق شارائىتتا ياشايدۇ ، تېرىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان دېھقانلار يەنىلا ‹‹يامغۇر››غا قاراپ كۈن كەچۈرىدۇ ، ئويلىمىغان يەردىن بۇ يىل ھىندىستاننىڭ شىمالدا يۈز يىلدىمۇ كۆرۈلمەيدىغان قۇرغاقچىلىق ئاپىتى يۈز بېرىپ ، دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشى تەسكە چۈشۈپ ، پاتاڭغىچە قەرزگە بوغۇلۇپ كەتتى .
www.iz.la


ئەنگلىيەنىڭ ‹‹مۇستەقىللىك گېزىتى ››دە خەۋەر قىلىنىشىچە ، تىرىكچىلىك ئۈچۈن ، ھىندۇنېزىيەنىڭ شىمالىدا دېھقانلار ئاياللىرىنى سېتىپ پۇل قىلىدۇ . بۇ ئىش ھۆكۈمەتنىڭ دىققەت-ئېتىبارنى قوزغاپ ، مەملىكەتلىك ئاياللار كومىتېتى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى تەسىس قىلىپ ، بۇ ئىشنى تەكشۈرگەن .

‹‹مۇستەقىللىك گېزىتى ›› دە دېيىلىشىچە ، ھىندۇنېزىيەدىكى دېھقانلار دائىم قەرز ئېلىپ ئۇرۇق سېتىۋالىدىكەن ، كۈز پەسلىدە كىرگەن كىرىم بىلەن قەرز قايتۇرىدىكەن ، نۆۋەتتە، ئۇلار يەنە قەرز قايتۇرىدىغان مەزگىلگە كەلگەن بولۇپ ، قەرز ئىگىلىرى قەرزنى جىددىي سۈيلەۋاتقان بولسىمۇ ، ئەمما ، قۇرغاقچىلىق سەۋەبىدىن ھوسۇل بولماي ، قەرز قايتۇرۇش ئۇياقتا تۇرسۇن ، ئاز بولمىغان دېھقانلارنىڭ تىرىكچىلىكىمۇ تەھدىتكە دۇچ كەلگەن ، ئۇلار مانا مۇشۇنداق پەقەت ئامال بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئاياللىرىنى سېتىۋېتىدىكەن . بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!

بۇ دېھقانلار ھەر يىلى 4000 ~ 12 مىڭ رۇپىيە (100 ھىندۇنېزىيە رۇپىيەسى 14 يۈەن خەلق پۇلىغا باراۋەر) لىك ئەرزان باھادا ئاياللىرىنى قەرز ئىگىلىرىگە ساتىدۇ ، ھۆسن-جامالى ئوخشاش بولمىغان ئاياللارنىڭ باھاسىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ، قانچە چىرايلىق بولسا، شۇنچە كۆپ پۇلغا يارايدۇ. ئىز تورى بەك ياخشى
ھىندۇنېزىيەدە ‹‹ئايالىنى سېتىش سودىسى ›› دائىم دېگۈدەك بولىدۇ . بۇ يەردە ئوغۇللارنى ئەزىزلەپ ، قىزلارنى تۆۋەن كۆرىدىغان قاراش بولغانلىقتىن ، قىزلارنىڭ سانى كۈندىن كۈنگە ئازىيىپ ، بويتاقلارنىڭ سانى بارغانسېرى كۆپەيگەن ، شۇڭا، پۇل دېسە جېنىنى بېرىدىغان بىر قىسىم ئەرلەر ئايالىنى بويتاقلارغا ‹‹ ئىجارە ›› گە بېرىدۇ ، ھەتتا سېتىپ بېرىدۇ . ئىز تورى بەك ياخشى

ساتقۇچى ۋە سېتىۋالغۇچى ئىككى تەرەپ ‹‹توي توختامى›› تۈزىدۇ ، بۇنىڭدا پەقەت ئىمزا قويۇپ، بارمىقىنى باسىدىغانلا بولۇپ، بىر قولدا پۇل، بىر قولدا ئادەم ئالماشتۇرۇلىدۇ . توختامدا ‹‹ ناۋادا ئېرى ئايالىدىن زېرىكسە ئايالىنى باشقا بىر ئەرگە ساتسا بولىدۇ ››، دېگەن مەزمۇنمۇ بار . ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
بىر ئايالنى ساتسا ئۇلار نۇرغۇن پۇلغا ئېرىشىدۇ . ‹‹ھىندۇنېزىيەدە بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئايالىنى ساتىدىغان ئىشلار يۈز بەرمەكتە ، بۇ ھەقىقەتەن بەك قورقۇنۇچلۇق ، كىشىنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ›› دەيدۇ ھىندۇنېزىيە مەملىكەتلىك ئاياللار كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋاياس ‹‹بىز بىر تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ ، ئوتتارپرادېش ئىشتاتىدىكى دېھقانلارنىڭ ئايالىنى سېتىش ئىشىغا قارىتا تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇردۇق ھەم تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىدىن 24 سائەت ئىچىدە تەكشۈرۈش دوكلاتىنى تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلدۇق›› . ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە ، مەملىكەتلىك ئاياللار كومىتېتى ئوتتارپرادېش ئىشتاتىنىڭ مىنىستىرلار باشلىقىغا خەت يېزىپ بۇ ئىشنى تەكشۈرۈشكە مۇراجىئەت قىلدۇق.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن