
بولىۋىيە ئېگىزلىكىدىكى كىچىك بازار مېجادا كۋېچۇئا قەبىلىسىدىكى نەچچە يۈزلىگەن يەرلىك كىشى ئىككى ئايالنىڭ چېلىشىشىنى كۆرمەكتە ئىز تورى www.iz.la
بۇ، بولىۋىيەدىكى كۋېچۇئا يەرلىك ئاھالىلىرى چېلىشىش بايرىمى ئۆتكۈزۈۋاتقان نادىر كۆرۈنۈش . چېلىشىش بايرىمى — بولىۋىيەدىكى يەرلىك كىشىلەرنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى بولۇپ ، جەنۇبىي ئامېرىكا ئاندېس تاغ تىزمىلىرىدىكى بىر قىسىم يەرلىك قەبىلىلەر ئارىسىدا ئۇزاق تارىخقا ئىگە . ئۇزاقتىن بېرى ، ئاندېس تاغ تىزمىلىرىدا ياشاپ كېلىۋاتقان يەرلىك قەبىلىلەر ھەمىشە گۈزەل ۋە مۇنبەت زېمىنلارنى تالىشىپ ئېلىشىپ كەلگەن ، ھازىر بۇ ئۇلارنىڭ بىر تۈرلۈك مۇھىم مۇراسىمىغا ئايلاندى . چېلىشىشتا ئۇتقۇچىغا ھېچقانداق مۇكاپات لوڭقىسى ياكى مېدال بېرىلمەيدۇ ، ئۇلارنىڭ ئېرىشىدىغىنى ئۆز قەبىلىسى ئۈچۈن شەرەپ قۇچقاندىكى ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى ۋە يېڭى بىر يىللىق مول ھوسۇل ئۈچۈن تىلەنگەن تىلەكلەر ، خالاس . ئىز تورى بەك ياخشى