
ئاياللارنىڭ ئەرلەرنى ئۇرۇشىنىڭ ئۆزىگە خاس ھېكايىسى بار . رىۋايەت قىلىنىشىچە ، ھىندىستاننىڭ Nandgaon دېگەن يېرىدىكى كىرىشنا پادىشاھ دائىم Barsana غا بارىدىكەن ، پادىشاھ بۇ يەردە ئۆزىنىڭ ئايالى ۋە ئايالىنىڭ دوستلىرىنى ئەخمەق قىلىپ ، يەرلىكتىكى ئاياللارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغاچقا ، ئاياللار تۆمۈر كالتەك ۋە بامبۇك تاياق بىلەن كىرىشنا پادىشاھ ۋە ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كەلگەن ئەرلەرنى ئۇرۇپ قوغلىۋەتكەن . ھىندىستاندىكى ئەنئەنىۋى ئەرلەرنى ئۇرۇش بايرىمى مۇشۇنىڭدىن كەلگەن ئىكەن . بايرام مەزگىلىدە ، ئاياللار ئەرلەرنى ئۇرغانسېرى روھلىنىپ كېتىدىكەن ، ئەرلەر ئاياللاردىن تاياق يېگەنسېرى ھالى خارابلىشىدىكەن . ئاياللار ئەرلەرنى قورشاپ ئۇرۇپ ھېچ ھالىنى قويمايدىكەن ، ئەرلەرگە دالدىلىنىشقا بىر قالقان يەتمىسە، يەنە بىرنى ئالىدىكەن ، ئەتراپتا تاماشا كۆرىدىغانلارمۇ ئىنتايىن كۆپ بولۇپ ، بۇ بايرام ئىنتايىن قىزىيدىكەن . www.iz.la