كىچىكىمدىن بىقىپ ئۆستۈرگەن،
ھۆرمىتىم بار ئىدى ئانامغا.
ئانا دەيتتىم ھەردەم ئەركىلەپ،
مىھرىم بولغاچ جىنىم ئانامغا.
مانا ئەمدى چوڭ بولدۇم ئانا،
ئەجرىڭگە مەن قايتۇراي جاۋاب.
نان ياقاتتىڭ ئىسسىق تونۇرغا،
يۈز-قوللىرىڭ بولاتتى كاۋاپ.
ماڭا بەرگەن ئاپپاق سۈتلىرىڭ،
يىقىپ بەرگەن تاتلىق نانلىرىڭ.
كىچە-كۈندۈز ئۇخلىماي يەنە،
ئاقارغان شۇ ئاپئاق چاچلىرىڭ.
بۇ ئەجرىڭگە نەچچە رەت يەنە،
ئاپارغۇم بار مەككىگە سىنى.
رەھمەت ئيتاي ئەجرىڭگە سىنىڭ،
مىڭ جاپادا چوڭ قىلدىڭ مىنى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
رەھمەت ساڭا ئۇلۇغ پەرىشتە،
ئاياغىڭغا باش قوياي سىنىڭ.
باشىمسىلاپ بەرگىن دۇئالەر.
مەڭگۈ سۇلماس تەختىم سەن مىنىڭ.
يالقۇن پوسكام (ئۆزقەلەم) 2011.11.29