غالچا
ئىز تورى www.iz.la
غالچىسەن ،جاندىن سادىق كەسپىڭگە بولغان غالچا ،
جاھاندا ھەممە يەرگە توزاندەك توزىغان غالچا .
قاڭقىغان دۇرۇس يولدىن ، ھارامغا تۇرغان غالچا ،
خەق بەختتىن كۈلسە ، ئوغا مەيدەڭدە قىزغان غالچا ،
كۆپكە پەند-چارە بىرلە مىڭ قىلتاق تىزغان غالچا .
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
نېمە ئانچە رەزگى لەنەتگەر قاغدالمىسەن ؟
سەن كوچا كويدا يۈرگەن يۇندا پۇراپ لالمىسەن ،
كىشى ماڭغان تۈز يولدا پۇتقا پۇتاق چالمىسەن ،
ئۇنى ماڭا مېنى ئاڭا چېقىپ بەك ئاۋارىسەن ،
شۇڭا لەنەت - تۈكرۈككە ئىچ تېشىڭ تولغان غالچا .
ئىز تورى بەك ياخشى
بۈگۈن سەن يەنە كەلدىڭ ھېجىيىپ سىرداشقىلى ،
بىلىمەن شۇ غوجاڭغا مەقسىتىڭدۇر چاققىلى ،
سۆزلەپ شالۋاق ئاققۇزدۇڭ ، ئاغزىمنى بىر ئاچقىلى ،
مېنى چىشلەپ تالاشقا دەلىل-ئىسپات تاپقىلى ،
ئىت ! نومۇس بىلمەس يۈزۈڭ داپچىلىك يوغان غالچا !
www.iz.la
ئېيتمىدىم ھېچبىر سۆزنى ، خۇي پەيلىڭنى بىلگەچكە ،
سەن تۈلكە كەلگەن چاغدا مەقسىتىڭنى سەزگەچكە ،
ئۆزۈم شوخ بولغان بىلەن ، تۈز يول ئىزدەپ يۈرگەچكە ،
پىتنە گەپسىز كۈنلەرنى ئۇزاقلاردىن كۈتكەچكە ،
ياندىڭ تاتىرىپ ئاخىر ، نائۈمىد قالغان غالچا . بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئولتۇرالماس بولدى كاسساڭ ، باشلاپ يارا چىقىشقا ،
ئاخىر پەيلىڭ بۇزۇلۇپ كەلدىڭ ياقا سىقىشقا ،
پەس مەقسەتكە يېتىشكە بانا سەۋەب تېپىشقا ،
تاياق يەپ بوپ غوجاڭغا ئەپلەپ - سەپلەپ چېقىشقا ،
مەرەز ئىكەنسەن ئەجەب ، بۇدۇشقاق كەبى غالچا .
قايتتىڭ ئاخىر خاتىرجەم ، ئىككى كاچات يېگەندە ،
مېنى چاقارنىڭ پۇرسىتى -- دەلىل ئىسپات كەلگەندە ،
كۈلگەندە مەن يىغلىغانتىڭ ، دەرد يۇتتۇم سەن كۈلگەندە --
غوجاڭ ماڭا مۇشت ئۈچۈن بەرگەن جازانى بىلگەندە ،
«ئاھ !» دېدىم ئۇۋال ئىچرە ، بەردىڭ مىڭ پىغان غالچا .
بىر ئەمەسكەن غالچىسى ، غوجاڭ ئاڭا باي ئىكەن ،
سەندەكلەر ئول يېنىدا خۇددى ئەركە تاي ئىكەن ،
بوپتۇ ! يېڭىلدىم بۇ رەت ، سۇ بېشىدىن لاي ئىكەن ،
«خەپ » تىن باشقا ئامال يوق ، بۇ مۇشۇنداق جاي ئىكەن ،
بىراق ئوتتا كۆيىسەن ! ھامان بىركۈن ، چايان غالچا !
تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!