
ئامېرىكا ساياھەت تور بېكىتى CNNGO يېقىندا دۇنيا بويىچە ئادەمنى ئەڭ بىزار قىلىدىغان ئون چوڭ خەلقئارا ئايرودۇرۇمنى باھالاپ چىققان بولۇپ ، پارىژدىكى Charles de Gaulle ئايرودۇرۇمى ئويلىمىغان يەردىن بۇ تىزىملىككە كىرىپ قالغان .
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
نۇرغۇن تورداشلار يەنە Charles de Gaulle ئايرودۇرۇمىنىڭ ‹‹ ئادەمنى قايمۇقتۇرىدىغان يوللىرى ›› ۋە ‹‹ پارىژ بويىچە ئەڭ ناچار بولغان يېمەك–ئىچمەك مۇلازىمىتى ›› دىن ئاغرىنغان . بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
بۇنىڭدىن Charles de Gaulle ئايرودۇرۇمى قاتتىق ئۇۋال قىلىنغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلىنغان . ئايرودۇرۇم باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ ئاخبارات ۋاستىلىرىغا ئېيتىپ بېرىشىچە ، Charles de Gaulle ئايرودۇرۇمى ياۋروپادىكى 2–چوڭ ئايرودۇرۇم بولۇپ ، ھەر يىلى 60 مىليون ئادەم ( قېتىم ) يولۇچى كۈتۈۋالىدىكەن . بىر قىسىم يولۇچىلار ، ئايروپىلان قونغاندىن كېيىن يان شوتىسىنىڭ ئورنىغا توغرا كەلمەسلىكى ، يۈك– تاقلارنىڭ يۈتۈپ كېتىشى قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى ئاۋىئاتسىيە شىركىتىدە ، دېگەن . بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
لېكىن ، CharlesdeGaulle ئايرودۇرۇمى باشقۇرغۇچى تەرەپ ، ئايرودۇرۇم يېمەك–ئىچمەك مۇلازىمىتىنىڭ ھەقىقەتەن يولۇچىلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالمىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىپ ، 2013–يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن مۇلازىمەتنى ياخشىلاپ ، يەنە 50 ئاشخانا ۋە قەھۋەخانا تەسىس قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن . مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
ئامېرىكا لوس ئانژېلېس خەلقئارا ئايرودۇرۇمى ۋە ئەنگىلىيە لوندون Heathrow ئايرودۇرۇمىمۇ ئايرىم - ئايرىم ھالدا بۇ قارا تىزىملىكتە 2-، 3–ئورۇنغا تىزىلغان . بۇنىڭدىن باشقا يەنە يەتتە ئايرودۇرۇم يەنى گوندۇراس تېگۇسىگالپا ئايرودۇرۇمى ، فىلىپپىن مانىلا ئايرودۇرۇمى ، كېنىيە نايروبى ئايرودۇرۇمى ، ئامېرىكا نيۇيورك كېننېدى ئايرودۇرۇمى ، نېپال كاتماندۇ ئايرودۇرۇمى ، ئاۋسترالىيە پېرت ئايرودۇرۇمى ۋە برازىلىيە سان پاۋلو ئايرودۇرۇمى قاتارلىقلارمۇ بۇ تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن .
ئىز تورى بەك ياخشى