جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 9-نويابىر بېيجىڭ خەۋىرى:
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى نيوۋلاند 8-نويابىر مۇنداق دېدى: ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسىگە ئالاقىدار تۆت تەرەپ يەنى ئامېرىكا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە رۇسىيەنىڭ پەۋقۇلئاددە ئەلچىلىرى 14-نويابىر ئىككى تەرەپنىڭ بىۋاسىتە سۆھبىتىنى قايتا باشلىشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، ئىسرائىلىيە ۋە پەلەستىن بىلەن ئايرىم-ئايرىم سۆھبەتلەشتى.
يىغىن باشلىنىشتىن بىر كۈن بۇرۇن ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسى بويىچە پەۋقۇلئاددە ئەلچىسى ھىل، پەلەستىن مىللىي ھوقۇقلۇق ئورگىنىنىڭ رەئىسى ئابباس ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ باش سۆھبەت ۋەكىلى مولىخو بىلەن ئايرىم-ئايرىم سۆھبەتلەشتى.
ئۇ مۇنداق دېدى: سۆھبەتنىڭ مەقسىتى ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسىگە ئالاقىدار تۆت تەرەپ 23-سىنتەبىر ئېلان قىلغان باياناتتىكى نىشانغا ئاساسەن، ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىننىڭ ئۆكتەبىرنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ 90 كۈن ئىچىدە زېمىن ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىسىدىكى مەيدانى ھەققىدە تەكلىپ بىرىشكە ئىلھام بېرىش ۋە ئۇنى قوللاش.