ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

كەلكۈن باڭكوك شەھىرىگە قىستاپ كىردى

2011-يىلى11-ئاينىڭ09-كۈنىمەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى يوللىغۇچى:
  

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 9-نويابىر بېيجىڭ خەۋىرى:

سىنگاپور «بىرلەشمە ئەتىگەنلىك گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تايلاندنىڭ ئېنېرگىيە مىنىستىرى پىساي 8-نويابىر مۇنداق دېگەن: پايتەخت باڭكوكتىكى كەلكۈن كىرزىسى يەنە بىر ئاي داۋاملىشىشى، شەھەر ئىچىدە يىغىلىپ قالغان سۇلار مۇشۇ ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى ئاندىن چېكىنىشى مۇمكىن.

باڭكوكنىڭ شەھەر باشلىقى سوكۇنپان 7-نويابىر كەچتە يەنە بىر قېتىم تارقاقلاشتۇرۇش بۇيرۇقى چىقىرىپ، شىمالىي رايونلاردىكى ئاھالىلەرنى تارقاقلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

دولقۇنلاپ ئېقىۋاتقان كەلكۈن باڭكوك قانىلى ۋە تاشيولىنى بېسىۋالدى، باڭكوكنىڭ شىمالىدىكى مىترو بىكىتى قاتارلىق ئاممىۋى ترانسىپورت سىستېمىسىنى سۇ بېسىپ كەتتى، بىر قانچە مىترو بىكىتىدىكى يوللار سۇ ئاستىدا قالدى، ھازىر بۇ يوللار بۇ تاقىلىش ئالدىدا تۇرماقتا. كەلكۈن باڭكوك شەھەر مەركىزىدىكى ئەڭ ئاۋات سىئام مەيدانغا پەقەت ئالتە، يەتتە كىلومېتىرلا قالدى.

باش مىنىستىر يىڭلۇك شىناۋاترا 8-نويابىر مۇنۇلارنى جاكارلىدى: كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن مەن مۇشۇ ئاينىڭ 12-كۈنىدىن 14-كۈنىگىچە ئامېرىكىنىڭ ھاۋايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادى ھەمكارلىق تەشكىلاتى مۇنبىرى يىغىنىغا قاتناشماسلىقنى قارار قىلدىم.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!