جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 9-نويابىر بېيجىڭ خەۋىرى:
قاتار يېرىم ئارىلى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا كۆرسىتىلىشىچە، 7-نويابىر يېرىم كېچىدىن 8-نويابىر سەھەرگىچە، سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى ھۇمىس شەھىرىگە يەنە ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىغان، بەزى نامايىشچىلار: مەزكۇر شەھەردە 7-نويابىر يەنە 11 ئادەم ئېتىشىشتا قازا قىلدى دېيىشتى.
خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: سۈرىيەدىكى ئۆكتىچىلەر 7-نويابىر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى ۋە باشقا خەلقئارا تەشكىلاتلارغا ھۇمىس شەھىرىنى «ئاپەت يۈز بەرگەن شەھەر» دەپ بېكىتىشىنى ھەمدە دەرھال ھەرىكەت قوللىنىپ ھۇمىس شەھىرىگە ياردەم بېرىشنى ئىلتىماس قىلدى. ئۆكتىچىلەر مۇنداق دېدى: بەسىر ھاكىمىيىتىنىڭ ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ تەشەببۇسىنى قوبۇل قىلىش ئىشەنچىسىدىن مەھرۇم قالدۇق، ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ مەزكۇر تەشەببۇسنى قايتۇرۋېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
ئەمما، غەرب ئەللىرى سۈرىيەگە خەلقئارا بېسىم ئىشلىتىپ، ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەر ۋە تەشكىلاتلارنى سۈرىيەنى جازالاش ھەرىكىتىگە قاتنىشىشقا پائال سەپەرۋەر قىلدى.
مۇشۇ ئاينىڭ 12-كۈنى، ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى يەنە بىر قېتىم جىددىي يىغىن ئېچىپ سۇرىيە مەسىلىسىنى كېڭىشىدۇ. تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: غەرب ئەللىرىنىڭ سۈرىيەگە «لىۋىيە قېلىپىنى» تەقلىد قىلىشىنىڭ مۇمكىنچىلىكى چوڭ ئەمەس.