ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ۋاڭ مىن: خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئىسلاھاتتا چىڭ تۇرۇشى ھۆكۈمەت

2011-يىلى11-ئاينىڭ09-كۈنىمەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى يوللىغۇچى:
  

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 9-نويابىر بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن ۋەكىلى ۋاڭ مىن 8-نويابىر خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئىسلاھاتىدا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى ۋەكىللىكىنى كۈچەيتىپ، ھۆكۈمەتلەر ئارا سۆھبەتنى ئاساسىي يول قىلىشتا چىڭ تۇرۇش ھەمدە بىر يۈرۈش ھەل قىلىش لايىھەلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك دېدى.

شۇ كۈنى 66-نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىنىڭ ئومۇمىي يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈپ خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى ئىسلاھ قىلىش مەسىلىسىگە قاراپ چىقىلدى. ۋاڭ مىن سۆز قىلغاندا مۇنداق دېدى: جۇڭگو خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ مۇۋاپىق، زۆرۈر ئىسلاھ قىلىنىشىنى قوللايدۇ. جۇڭگو ئىسلاھاتقا سۈنئىي ئۇسۇلدا ۋاقىت بەلگىلەپ بېرىش ياكى ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدا ساقلىنىۋاتقان ئېغىر ئىختىلاپلارنى مەجبۇرى ئىلگىرى سۈرۈش لايىھەسىگە قارشى تۇرىدۇ. ئوغۇرلۇقچە ھەرىكەت قىلىش ياكى يېزىق ئويۇنى قىلىش ئۇسۇلىنىڭ چىقىش يولى يوق.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!