جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 9-نويابىر بېيجىڭ خەۋىرى:
ئەنگلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ داڭلىق چولپىنى جېكسوننىڭ شەخسىي دوختۇرى كونراد مۇراينىڭ ئۇقۇشماي ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى يېقىندا تۇرغۇزۇلغان، ئۇ تۆت يىل تۈرمىدە يېتىشى مۇمكىن ئىكەن. موراينىڭ ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتىدىن باشقا، يەنە بىر سالاھىيىتى بار، يەنى ئۇ مىليونىر. ئۇ جېكسوننىڭ ئۆلۈمى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلىك فىلىمنى سۈرەتكە ئېلىش ئارقىلىق نۇرغۇن پۇل تاپقان.