گەرچە كۇنلەر ئۇزۇن بولسىمۇ
بىلىنمەكتە ھەر مىنۇت بىر يىل
گەرچە كۆزلەر كۈلۈپ تۇرسىمۇ
لېكىن سەنسىز يىغلايدىكەن دىل
ئۇچۇرۇشكە چارە يوق ئەمدى
گۈلخان بۇلۇپ كۆيگەن يۈرەكنى
ئەل ئالدىدا يۇشۇرۇش مۈشكۈل
سۆيگۈ ئۈچۈن تۈرگەن بىلەكنى
www.iz.la
تىرىشتىم كۆپ كۆنەلمىدىم ھېچ
سىنىڭسىزمۇ خۇشال يۈرۈشكە
تانالامدىم كۆڭۇل ئالدىدا
كۆيگەن تۇرۇپ يالغان دىيىشكە
www.iz.la
چۈشۈنەرسەن دەردىمنى بەلكىم
سەنمۇ مەندەك سۈرگەندە خىيال
كۆزۇم ئوچۇق كېتەر مۇشۇنداق
بۇ دۇنيادا تاپمىسام ۋىسال
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن