ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

سۇرىيە ئۆكتىچىلىرىنى قوللىغۇچىلار لوندون قاتارلىق شەھەرلەردىكى سۇرىيە ئەلچىخانىلىرىغا ھۇجۇم

2011-يىلى10-ئاينىڭ09-كۈنىمەنبە:ئوكيان تورى يوللىغۇچى:
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 9-ئۆكتەبىر خەۋىرى: چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەنگىلىيە ۋە ئاۋستىرىيە ساقچىلىرى 8-ئۆكتەبىر جاكارلىشىچە، شۇ كۈنى سۇرىيە ئۆكتىچىلىرىنى قوللىغۇچى نەچچە ئون ئادەم سۇرىيەنىڭ لوندون ۋە ۋېنا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا ھۇجۇم
  

 

جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 9-ئۆكتەبىر خەۋىرى: چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەنگىلىيە ۋە ئاۋستىرىيە ساقچىلىرى 8-ئۆكتەبىر جاكارلىشىچە، شۇ كۈنى سۇرىيە ئۆكتىچىلىرىنى قوللىغۇچى نەچچە ئون ئادەم سۇرىيەنىڭ لوندون ۋە ۋېنا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلغان، ساقچىلار جەمئىي 18 ئادەمنى قولغا ئالغان. خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، سۇرىيەنىڭ ئەنگىلىيە پايتەختى لوندوندىكى ئەلچىخانىسى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى 50-60 ئەتراپىدىكى سۇرىيە ئۆكتىچىلىنى قوللىغۇچىلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان، تېلېۋىزىيە تارقىتىلغان كۆرۈنۈشكە ئاساسلانغاندا، ئۇلار سۇرىيە پىرىزدېنتى بەشىر ئاسادنىڭ باش سۈرىتىگە قىزىل چاپراس بەلگىسى قويۇلغان تاختىلارنى كۆتۈرۈلۋالغان، بەزىلىرى سۇرىيە ئۆكتىچىلىرىگە سىمۋول قىلىنغان قىزىل، ئاق، يېشىل ھەمدە قۇياش بېسىلغان كۇردلار بايرىقىنى ئەلچىخانىنىڭ دەرۋازىسى يېنىدىكى قورشاۋ تامغا چىقىپ لەپىلدەتكەن. لوندون ساقچىلىرى 7 ئادەمنى قولغا ئالغان، تامغا يامىشىپ چىقىپ بايراق لەپىلدەتكەن 3 نەپەر ئەرنى زىيان سېلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىگەن، قالغان 3 نەپەر ئەر نامايىشچى ۋە بىر ئايال نامايىشچىمۇ قولغا ئېلىغان. بىراق، بىر ساقچىنىڭ دېيىشىچە، بۇ نامايىشچىلار ئەلچىخانىنىڭ بىخەتەرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلمىغان. ئىگىلىنىشچە، بۇ كىشىلەر سۇرىيە ئۆكتىچى تەشكىلاتى كۇردلار كەلگۈسى پارتىيىسىنىڭ باياناتچىىسى مەشئەلنىڭ 7-ئۆكتەبىر ھۇجۇمغا ئۇچراپ ئۆلگەنلىكى قارىتا نامايىش قىلىشى ئىكەن. بۇنىڭدىن سىرت، ئاۋسترىيە ساقچىلىرىنىڭ دېيىشىچە، سۇرىيەنىڭ ئاۋسترىيە پايتەختى ۋېنادا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئالدىدىمۇ سۇرىيە ئۆكتىچىلىرىنى قوللىغۇچىلار نامايىش قىلغان، بەزىلەر قورشاۋ تامدىن ئاتلاپ ئۆتۈپ ئەلچىخانا ئىچىگە كىرمەكچى بولغان، جەمئىي 11 ئادەم قولغا ئېلىغان. (نەپرەت)

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!