ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

11 جۇڭگولۇق كېمە خادىمى ئالتۇن ئۈچ بۇرجەكتە زىيانكەشلىككە ئۇچرىدى

2011-يىلى10-ئاينىڭ09-كۈنىمەنبە:ئوكيان تورى يوللىغۇچى:
جۇڭگو تور تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى 10-ئاينىڭ 9-كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 5-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، 13 نەپەر جۇڭگولۇق كېمە خادىمى ئولتۇرغان ئىككى كېمە تايلاند چېگرىسى ئىچىدە نامەلۇم قوراللىقلارنىڭ تۇتقۇن قىلىشىغا ئۇچرىغان، ھازىرغا قەدەر يەرلىك ساقچى
  

 

جۇڭگو تور تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى 10-ئاينىڭ 9-كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 5-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، 13 نەپەر جۇڭگولۇق كېمە خادىمى ئولتۇرغان ئىككى كېمە تايلاند چېگرىسى ئىچىدە نامەلۇم قوراللىقلارنىڭ تۇتقۇن قىلىشىغا ئۇچرىغان، ھازىرغا قەدەر يەرلىك ساقچىلار 11 نەپەر جۇڭگولۇق كېمە خادىمىنىڭ جەسىتىنى ئاختۇرۇپ تاپقان، قالغان ئىككى ئادەمنىڭ ئىز-دېرىكى يوق ئىكەن. تايلاند ئارمىيىسى بىلەن ئېتىشقاندا، قوراللىق ئۇنسۇرلاردىن بىرى ئېتىپ تاشلانغان، كېمىدىن زور مىقداردا زەھەر چىققان. 10-ئاينىڭ 9-كۈنى چۈشتىن كېيىن، جۇڭگو تور تېلېۋىزىيىسىنىڭ مۇخبىرى ۋەقە چىققان كېمە «يۈشىڭ 8-نومۇر» (玉兴8) نىڭ ئىگىسى گو جىچىياڭ  (郭志强) بىلەن ئالاقىلاشقان، ئۇ مۇخبىرغا ۋەقەنىڭ جەريانىنى بايان قىلغان. 10-ئاينىڭ 5-كۈنى، جۇڭگونىڭ خۇاپىڭ (华平号) ناملىق كېمىسى بىلەن بېرمىنىڭ «يۈشىڭ 8-نومۇر» كېمىسى مېكون دەرياسى ۋادىسىدا قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ تۇتقۇن قىلىشىغا ئۇچرىغان، ئەينى چاغدا تۇتقۇن قىلىنغان كېمىلەر بىلەن يەنە خۇاشىن 6-نومۇر (华鑫6) كېمىسى بولۇپ، خۇاشىن 6-نومۇر كەينىدە بولغاچقا، قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ كاتىرى كەلگەندە توسمىغان. خۇاشىن 6-نومۇر كېمىسىدىكىلەر 7-8 نەپەر قوراللىق ئۇنسۇرنىڭ ئىككى كېمىگە چىقىپ ھەيدەپ كەتكەنلىكىنى، كېيىن ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغانلىقىنى ئىسپاتلىغان.

 

ۋەقەدىن كېيىن، باڭكوك پوچتا گېزىتى 6-ئۆكتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، تايلاند ئارمىيىسى 10-ئاينىڭ 5-كۈنى زەھەر ئەسكەتچىلىرىنىڭ چېگرىسىدىن كىرگەنلىكى ھەققىدىكى يىپ ئۇچىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، شۇ جاي ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت بىر ئەتراپىدا ۋەقە چىققان كېمىنى بايقىغان ھەمدە كېمىدىكى 5 نەپەر قوراللىق كىشى بىلەن ئېتىشقان، بىرى ئېتىپ تاشلانغان، باشقىلىرى قېچىپ كەتكەن. ئېتىپ تاشلانغان قوراللىق ئۇنسۇر جۇڭگولۇق ئەمەس ئىكەن. ۋەقەدىن كېيىنكى نەچچە كۈندە، تايلاند ساقچىلىرى مېكون دەرياسىدىن 11 نەپەر جۇڭگولۇق كېمە خادىمىنىڭ جەسىتىنى سۈزۈپ چىققان، دەسلەپكى قەدەمدە ھۆكۈم قىلىشىچە، كېمىنى زەھەر ئەسكەتچىلىرى بۇلىغان . نۆۋەتتە، بۇ دېلو جۇڭگونىڭ تايلاندتا تۇرۇشلۇق جۇڭگو ئەلچىخانىسى خادىملىرىنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى تارتقان، ۋەقەدىن كېيىن كېمە خادىملىرىنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىدىن 50 نەچچە ئادەم ۋەقە يۈز بەرگەن جايغا يېتىپ كەلگەن. (نەپرەت)

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!