شىنخۇا تورى سانا 8-ئۆكتەبىر تېلېگراممىسى: يەمەن زۇڭتۇڭى سالىھ 8-ئۆكتەبىر يەمەن مەملىكەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا سۆزلىگەن نۇتىقىدا بىر قانچە كۈن ئىچىدە ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
سالىھ: كەلگۈسى بىر نەچچە كۈن ئىچىدە ھوقۇقىمدىن ۋاز كېچىمەن، ئەمما قوللىغۇچىلىرىمنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان بارلىق رىقابەتلەرگە تاقابىل تۇرۇشىنى تەلەپ قىلىمەن، دېدى.
ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ھوقۇقنى ئۆكتىچىلەرگە بەرمەيمەن. مەيلى ھەربىي ياكى ئاددىي پۇقرا بولسۇن، پەقەت سەمىمىي ئادەم بولسىلا دۆلەتنى ياخشى ئىدارە قىلىپ كېتەلەيدۇ.
بۇ يىل يانۋارنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ، يەمەننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشلار يۈز بەردى. قولتۇق ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتى بۇ يىل ئاپرېلدا ئوتتۇرىغا قويغان يەمەننىڭ دۆلەت ئىچىدىكى كىرىزىسنى ھەل قىلىش كېلىشىمىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنىمۇ سالىھ ھوقۇقىنى مۇئاۋىن زۇڭتۇڭغا تاپشۇرۇش كېرەك دېگەندىن ئىبارەت بولۇپ، 30كۈن ئىچىدە ئىستېپا بېرىش كېرەكلىكىنى، ھۆكۈمەتكە قارشى پارتىيە رەھبەرلىك قىلغان بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ زۇڭتۇڭ سايلىمى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئىيۇندا سالىھ ھۇجۇمغا ئۇچراپ يارىلىنىپ، سەئۇدى ئەرەبىستانغا بېرىپ داۋالىنىشنى قوبۇل قىلدى. سېنتەبىردە سالىھ ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىنمۇ، دۆلەت ئىچىدىكى ۋەزىيەتتە يەنە داۋالغۇش يۈز بەردى.
يەمەن ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى گۇنادى 1-ئۆكتەبىر مۇنداق دېدى: 25-سېنتەبىرگىچە، يەمەن ھۆكۈمەت ئارمىيەسى ۋە ھۆكۈمەتكە قارشى كۈچلەر ئارىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا 1480 ئادەم قازا قىلدى.