ئۆز-ئۆزەمنى ياشلىقتا ئالداپ كېچىكتىم،
ھەر يەرلەردە ئابىروي قوغلاپ كېچىكتىم.
ھايات چاغدا ئاتا-ئانام قەدرىگە يەتمەي،
دەرت كەلگەندە بېشىمغا يىغلاپ كېچىكتىم.
ئىز تورى بەك ياخشى
كۆز ئالدىمدا تۇرسىمۇ جەننەت باغلىرىم،
خىيالىمدا چارىباغ ئارلاپ كېچىكتىم.
تۇرسا گۈللەر بېغىمدا خۇشپۇراق تۆكۈپ،
شۇ پۇراقسىز گۈللەرنى تاللاپ كېچىكتىم.
www.iz.la
ياشلىغىمدا ئۆگەنمەي ئىلىم-مەرىىپەت،
ئەمدىلىكتە يۈرەكنى داغلاپ كېچىكتىم.
ئۆتتى ياشلىق بىھۇدە بەڭباشلىق قىلىپ،
مانا ئەمدى ئۆكۈنۈپ يىغلاپ كېچىكتىم.
ئۆگەنمەستىن مەرىپەت شۆھرەت تالىشىپ،
ئۆز-ئۆزەمنى ئاشۇنداق ئالداپ كېچىكتىم.
ئايرىلغاندا ھەممىدىن يوق ئامال بىراق،
چۇشەنگەندە ھەممىنى شۇنداق كېچىكتىم.
ئىز تورى بەك ياخشى