ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئىز تورى www.iz.la
پامۇك (پاختا دېگەن مەنىدە) قەلئە (Pamukkale) تۈركىيەنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى دەنىزلى (دېڭىزلىق دېگەن مەنىدە) ئۆلكىسى تەۋەسىگە جايلاشقان بولۇپ ، بۇ جاينىڭ سىرتقى شەكلى پاختا بىلەن قاپلانغان قەلئەگە ئوخشىغاچقا ، شۇنداق نام بېرىلگەن . تەبىئەتنىڭ سېھىرلىك قولى بارلىققا كەلتۈرگەن سۈرەتتەك گۈزەل بۇ كۆرۈنۈش تۈركىيەنىڭ ھەممە ئېتىراپ قىلىدىغان ئۆزگىچە گۈزەل مەنزىرىسىدۇر . پامۇك قەلئەنىڭ ئېگىزلىكى تەخمىنەن 160 مېتىر ، ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 2700 مېتىر بولۇپ ، ئارىشاڭ كۆپ، تەركىبىدە كاربونات مېنىراللىرى مول ئارىشاڭ سۈيى غار (ئۆڭكۈر) تورۇسىدىن ئېقىپ چۈشۈپ ، تاغ يانباغرىنى يالاپ پەلەمپەي شەكلىگە كىرگۈزۈپ قويغان ، تەكشى يەرلىرىدە بۇلاق سۈيى يىغىلىپ كۆلچەككە ئايلانغان ، كىشىلەر ئۇنىڭ ئىچىدە ئولتۇرۇپ ئارىشاڭغا چۈشۈپ ، جىسمى ۋە روھىنى ئارام ئالدۇرىدۇ ، بۇ يەنە تەن سالامەتلىككىمۇ ئىنتايىن پايدىلىق.
copyright by www.iz.la
تۆۋەندىكىلەر پامۇك قەلئەدىكى ئارىشاڭ سۈيى ۋە كالتسىيلاشقان يەر شەكلىنىڭ 19–ئاۋغۇست تارتىلغان سۈرەتلىرى:
بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
www.iz.la